خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان سىياسىي تەشۋىقاتى داۋام قىلماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.05.30

 يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆز ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي  نىشانلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقانىدى. شۇ قاتاردا 30-ماي كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن «شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى»غا كېلىپ بىر مەيدان سىياسىي تەشۋىقات لېكسىيەسى بەرگەن.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 30-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ لېكسىيەسىدە «20-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش» مۇھىم تېما بولغان. شۇنىڭدەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى خىتاي مىللىتىنىڭ «بۈيۈك گۈللىنىشى» گە كۈچ چىقىرىشقا دەۋەت قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئېنىق قىلىپ «مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى سۇغىرىش پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك ئورنىتىشنىڭ تۈپكى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئاساسى» دېگەن.

ۋاڭ جيەنشىننىڭ سۆزلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق سۇغىرىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ماھىيىتىنى ۋاسىتىلىك ھالدا ئېچىپ بەرگەنلىك، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. چۈنكى ئۇلار ئېيتىۋاتقان بۇ قۇرۇلۇشتىكى «مەدەنىيەت» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق مەدەنىيەت ساھەسىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي مەدەنىيىتىنى دەسسىتىش ئىكەنلىكى يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىدا ئوتتۇرىغا چىققان مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىدا ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىققانىدى. بۇ ساھەدىكى ئەڭ تىپىك مىساللار يېقىنقى مەزگىللەردە كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، ئۈچتۇرپاندىكى ئىماملىرىم يېزىسىدا قۇرۇلغان «دۆلەت تىلى مەكتىپى» نىڭ مۇدىرى قۇربان نىيازنىڭ ئۇيغۇر سەبىيلىرىگە خىتايچە چاڭچىلە ئۆگىتىشى، چاقىلىق ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھېس قىلىشى» ئۈچۈن ئۇلارنى چاڭچىلە ئويناشقا تەشكىللىشىنى شۇلار جۈملىسىدىن دېيىش مۇمكىن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.