ياۋروپا ۋە ئ‍امېرىكا سودا ساھەسى خىتايغا بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىشقا باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.09.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

«ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 21-سېنتەبىردىكى ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سودا ۋە دىپلوماتىيە ساھەسى خىتاينى ئەمدى كۆڭۈلدىكىدەك نىشان ئ‍ەمەس، دەپ قاراشقا باشلىغان. بولۇپمۇ خىتاينىڭ تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ يۇقۇمىنى كونترول قىلىش ھەققىدىكى بىرقاتار سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن دۇنياۋى سىياسىي جۇغراپىيە مىقياسىدا خىتايدىن يىراقلىشىش يۈزلىنىشى شەكىللىنىشكە باشلىغان.

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا نۇرغۇن سودا شىركەتلىرى چەتئەلگە كېڭىيىش ھەققىدە سۆز بولغاندا بىرىنچى بولۇپ تاللايدىغان نىشانى خىتاي بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى سودا پائالىيەتلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە راۋاج تېپىشى شۇ شىركەتنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتىنى بەلگىلەيدىغان بىر مۇھىم ئۆلچەم بولۇپ كەلگەنىكەن. ئەمما ئۆتكەن بىر يىلدا ئامېرىكا ۋە خىتاي تەرەپ ئېلان قىلغان سودا كۆرسەتكۈچلىرى بىردەك چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ھەمدە چەتئەل سودا ساھەسىگە مەنسۇپ خىزمەتچىلەرنىڭ خىتايدىن كۆچۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇ يۈزلىنىشنىڭ ھازىر بارغانسېرى يۇغۇرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. بۇنىڭدا خىتايدىكى ئېغىر قامالنىڭ ئىقتىساد ساھەسىگە بىۋاسىتە بېسىم پەيدا قىلىشىدىن باشقا خىتاينىڭ چەتئەللىكلەرگە قاراتقان ۋىزا كونتروللۇقى، خىتاينىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىدىكى ئوبرازىنىڭ خۇنۈكلىشىشى دېگەنلەرمۇ بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن ئىكەن. ئۇلار بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا بىرازىلىيەنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسىدا ئىشلەشكە رازى بولىدىغان دىپلوماتىيە خادىمىنى تاپالماسلىقىدەك ئەھۋالنى بايان قىلىدۇ.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 21-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ سودا گۇرۇھى بولغان «ياۋروپا سودا چەمبىرى» شۇ كۈنى ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ خىتايغا بولغان ئىشەنچىنىڭ يوقالغانلىقىنى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ كۆڭۈلدىكىدەك مەبلەغ سېلىش نىشانى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات ئۆزىگە ئەزا بولغان 1800 شىركەتكە بۇ ئەھۋالنى ئۇقتۇرغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسىدە بولۇش ھەققىدىكى مىڭ پارچىغا يېقىن تەۋسىيەلىرى ئاساسىدىكى دوكلاتتا مۇشۇ ئەھۋالنى نۇقتىلىق شەرھلىگەن. دوكلاتتا خىتايدىكى «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنىڭ تەسىرى، خىتاينىڭ تەيۋەن سىياسىتى قاتارلىقلار نۇقتىلىق تىلغا ئېلىنىپ «ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى ئويلىشىپ كۆرۈشى كېرەك» دېيىلىدۇ. گەرچە ئۇنىڭدا خىتاينىڭ دۇنيادىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىدىكى باشقا سەۋەبلەر تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ نۆۋەتتە خىتاينى ئىستراتېگىيەلىك سودا شېرىكى دەپ قاراش يۈزلىنىشى بارغانسېرى تۆۋەنلەشكە باشلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.