9-ئايدىكى خىتاينىڭ ئېكسپورت ۋە ئىمپورتى مۆلچەردىكىدىن خېلىلا تۆۋەنلىدى

14-ئۆكتەبىردىكى تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 9-ئايدا خىتاينىڭ ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 2.4 پىرسەنت ئاشقان، ئىمپورت بولسا 0.3 پىرسەنت ئاشقان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، يۇقىرىدىكى ھەر ئىككى خىل ئېشىش ئانالىزچىلارنىڭ ئويلىغىنىدىن خېلىلا تۆۋەن بولغان. خىتايدىكى ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە ئۆي-مۈلۈكتىكى تۆۋەنلەش خىتاي ئىقتىسادىغا تەسىر قىلغان ئەڭ مۇھىم ئامىللار دەپ قارالماقتا.

ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئېكسپورت ۋە ئىمپورتىنىڭ تېخىمۇ تېز ئېشىشنى مۆلچەرلىگەن بولۇپ، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ راي سىناش نەتىجىسى 9-ئايدا خىتاينىڭ ئېكسپورتى 6 پىرسەنت، ئىمپورتى 0.9 پىرسەنت ئۆرلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن 9-ئايدىكى ئەمەلىيەت مۆلچەردىكىدىن خېلىلا تۆۋەن بولغان.

CNBC نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بەزى رىغبەتلەندۈرگۈچى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈمىد قىلغان مالىيە سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان. خىتاينىڭ مالىيە ۋە ئىقتىسادىي سىياسىتى ئۈستىدە تالاش-تارتىش بولۇۋاتقاندا خىتاي بازىرىدىكى پاي چېكىدە شىددەتلىك داۋالغۇش بولغان.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدا شى جىنپىڭ خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي كاساتچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «بىر قاتار ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار» نى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ھالبۇكى مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان كۆپلىگەن سىستېمىلىق مەسىلىلەرنى «خىتاينىڭ 2024-يىلدىكى ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنى ئۆستۈرۈش، سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەس، ئەكسىچە بازار ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.