دۇنيا بانكىسى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، خىتاينىڭ كېلەر يىلى خەلقئارالىق سودا قىلىشقا باب كېلىش دەرىجىسى بۇ يىلىدىكىدىن بىر دەرىجە تۆۋەنلەپ 84 -ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.
دۇنيا بانكىسى مەزكۇر دوكلاتىنى ئېلان قىلىشتا جەمئىي 189 دۆلەتنىڭ سودا مۇھىتىنى باھالاپ رەتكە تىزغان.
بۇنىڭدا سىنگاپور بىرىنچى رەتكە تىزىلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن يېڭى زېلاندىيە، دانىيە، جەنۇبىي كورېيە، خوڭكوڭ، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ،شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە ۋە فىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەت-رايونلار تەرىپ بويىچە ئالدىنقى ئون دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
يۇقىرى دۆلەتلەر بۇلتۇرمۇ 2015 -يىلى سودا قىلىشقا ئەڭ باب 10 دۆلەت دەپ، باھالانغان ئىدى.
بۇ نۆۋەتلىك باھالاشقا قارىغاندا، ئورتا ئاسىيا ئەللىرىدىن قازاقىستان 41-ئورۇنغا، يەنى خىتاينىڭ ئالدىغا تىزىلغان بولسا، ئۆزبېكىستان 87-ئورۇنغا، يەنى خىتاي بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئورۇنغا تىزىلغان.
دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي دۆلەت، دەپ قارىلىۋاتقان خىتاينىڭ 2016-يىلدىكى سودا مۇھىتى قازاقىستاننىڭكىدىن بىر ھەسسدىن كۆپرەك تۆۋەن بولۇشى دىققەتنى چەككەن.
خىتاي ئالدىنقى يىلدىكى باھالاشتا 83-ئورۇنغا تىزىلغان.
بۇ يىل، رۇسىيە ئىلگىرىكى 54-ئورۇندىن 51-ئورۇنغا، ھىندىستان 134-ئورۇندىن 130-ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەن.