ئالدىنقى ھەپتە پاكىستان سۇ-ئېلىكتىر ئىشلىرى دائىرىلىرى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ھىندى دەرياسىدا بىرلىكتە قۇرماقچى بولغان دايمار-باشا سۇ توسما قۇرۇلۇشى پىلانىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ ھەپتە نېپالنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرىبايانات ئېلان قىلىپ، نېپالنىڭ خىتاي بىلەن تۈزگەن بۇدى-گەنداكى ئېلېكتر ئىستانسىسىنى قۇرۇش ھەققىدىكى توختامىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
پاكىستان تەرەپنىڭ ئالاقىدار باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەپ مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى شەرت قىلغان. پاكىستان خىتاينىڭ بۇ شەرتىنى «ئورۇنسىز ھەم پاكىستاننىڭ مەنپەئىتىگە خىلاپ بىر تەلەپ» دەپ قارىغان.
ئىگىلىنىشىچە، نېپال دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا 2 يېرىم مىليارد دوللارلىق بۇدى-گەنداكى ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى پىلانىنى خىتاي شىركىتىگە بېرىشنى خالىمىغانلىقى ۋە ئۇنى نېپالنىڭ مىللىي كارخانىسىغا ھۆددىگە بېرىشنى توغرا تاپقانلىقىنى بايان قىلغان.
بۇ ھەقتە «ئىقتىساد ۋاقتى گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلغان ھىندىستانلىق تەتقىقاتچى جەمىس دورسەي، بۇ ئىككى مىسالنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» پىلانىنىڭ زەربىگە ئۇچراشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ماقالىسدا يەنە خىتاينىڭ پاكىستان بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارماقچى بولغان قۇرۇلۇش پىلانلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلىپ قوللىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.