ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدىنقى كۈنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان «ھەددىدىن تاشقىرى» ئەرزان ماللارنى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن يېڭى تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى ۋە خىتاي ئىقتىسادىنى «ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان ئىقتىساد،» دەپ كۆرسەتتى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى چارشەنبە كۈنى 465 بەتلىك بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەر-زېمىن ۋە كاپىتال قاتارلىق مەنبەلەرنىڭ تەقسىماتىغا قول تىقىش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات باھالىرىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى باھانى سۈنئىي ئۇسۇلدا كونترول قىلىپ، چەتئەلگە ئېكسپورت قىلىۋاتقان ماللىرىنىڭ باھاسىنى دۆلەت ئىچىدىكى مال باھاسىدىنمۇ تۆۋەن قىلىۋەتكەچكە، چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ خىتاي كارخانىلىرى بىلەن رىقابەتلىشىشى ئىمكانسىز بولۇپ قالغان. جۈملىدىن ئۇلار ئۈچۈن ئادىل بولمىغان بىر رىقابەت ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن ئىكەن.
خەۋەردىن قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ دوكلاتتىكى قارارغا ئاساسەن مۇشۇ خىلدىكى مەسىلىلەرگە قارشى تەدبىر ئېلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن، ئەمما خىتاي بۇنىڭدىن نارازى بولغان. بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «قەستەنگە باھانە چىقىرىۋاتىدۇ،» دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇ يەنە «ياۋروپا ئىتتىپاقى ‹دۇنيا سودا تەشكىلاتى› نىڭ قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلمىدى،» دېگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن كىرگۈزۈلۈۋاتقان ئېلېكترونلۇق ۋېلىسىپىتلەرنىڭمۇ خىتاينىڭ دۆلەت ياردىمىگە ئېرىشكەن بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭغا قارىتا يەنە بىر تەكشۈرۈش باشلىغان.