موسكۋادىكى خىتاي سودىگەرلىرى توپلاشقان بازاردا ئاختۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ بېرىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.11.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

رۇسىيە پايتەختى موسكۋا شەھىرىدىكى ئاساسلىقى خىتاي سودىگەرلىرى مەركەزلەشكەن لىيۇبلىنو بازىرىدا ئۇدا ئۈچ قېتىم تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ بېرىلىپ، 700 دىن ئارتۇق ئادەم قانۇنسىز كۆچمەنلىك سۈپىتى بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 19-20-ۋە 25-نويابىر كۈنلىرىدىكى تۇيۇقسىز ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىشتا ئاساسلىقى خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. رۇسىيە خەۋەر ۋاسىتىلىرى بولسا، «زاسلون-2» دەپ ئاتالغان موسكۋا ساقچىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدە قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەر ۋە باشقا ئەتكەس ماللار تەكشۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ساقچىلار سودىگەرلەر ۋە بازارغا كەلگەن چەتئەللىكلەرنىڭ كىملىكلىرى ۋە ۋىزىلىرىنى تەكشۈرگەن. بۇنداق ھەرىكەت ئىلگىرى يەنە «سادوۋوي» دەپ ئاتالغان بازاردىمۇ ئېلىپ بېرىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، لىيبلىنو بازىرىدا ئاساسلىقى خىتايلار، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ۋە ۋېتناملىقلار سودا قىلىدىكەن، لېكىن خىتايلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىمەيدىكەن. بۇ بازاردا مىڭدىن ئارتۇق خىتاي سودىگىرى سودا قىلىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، بۇ بازاردىكى خىتاي سودىگەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ زور ئىقتىسادىي زىيان تارتقانلىقى، ساقچىلارنىڭ پارتلىغۇچ بۇيۇم ئىزدەيمىز دېگەن باھانىلەر بىلەن سودىگەرلەرنىڭ مەخپىي پۇل ساندۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پۇللىرىنى ئېلىۋالغانلىقىنى شىكايەت قىلغان. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، موسكۋادا خىتاي قاراقول گۇرۇھىنىڭ ھەرىكىتى كۈچىيىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار مەخپىي پۇل يۆتكەش ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان.

2009-يىلى، موسكۋا ساقچىلىرى موسكۋا شەھىرىدىكى خىتاي سودىگەرلىرى مەركەزلەشكەن چېركىزوۋسكىي بازىرىنى تازىلاپ، كۆپ ساندا قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ دۇكانلىرى ھەم ماللىرىنى مۇسادىرە قىلغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن كېيىن خىتاينىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى نەق مەيدانغا بېرىپ، ئەھۋال ئىگىلىگەن. خىتاي پۇقرالىرى ھازىر ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيەدە دائىم زەربە بېرىش ئوبيېكتى بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە كۆپ زىيانغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلىشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.