خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، «دۆلەت بىخەتەرلىكى» گە زىيان سالغان شەخسلەرنى ۋە «تېرورلۇق ھەرىكەتلىرى» نى گۇماندار چەت ئەلدە بولسىمۇ، سوت سىرتىدا سوتلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى مەزكۇر قانۇن ماددىسىغا چۈشەنچە بەرگەن بولۇپ، بۇ ماددا 1-مارتتىن باشلاپ رەسمى ئىجرا قىلىنىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قارارى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ماددا چەت ئەلەدىكى لاگېر شاھىتلىرىنى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ۋە پائالىيەتچىلىرىنى «تېرورلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ «تېرورلۇق» نى يەنە سۈيىئىستېمال قىلىپ، چەت ئەلدىكى خالىغان ئۇيغۇرنى «تېرورلۇق» بىلەن سوتلاپ جىنايەت بېكىتىشى ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى ئۈچۈن «قانۇنىي ئاساس» ھازىرلايدىكەن. خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە بۇنىڭ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن پارىخورلۇق، خىيانەنچىلىك دېلولىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۇزۇش ماددىسى يەنە جىنايى جاۋاپكارلىق ياش چېكلىمىسىنى 12 ياشقا تۆۋەنلەتكەن، شۇنىڭدەك دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گرىبى، دۆلەت مارشى قاتارلىقلارغا «ھاقارەت» قىلغان شەخسلەرنى جازالاشقا ئالاقىدار كونكىرېت تەپسىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىكەن.