ب د ت دا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى سىياسىتىنى ئاقلاپ، خىتاينى كۈچلۈك رەۋىشتە قوللاپ كەلگەن سۈرىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىدا خىتاينى زىيارەت قىلماقچى بولغان. بۇ، سۈرىيەدە ئىچكىي ئۇرۇش پارتلىغان 12 يىل مابەينىدە خىتاينىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن بەششار ئەسەدنىڭ تۇنجى قېتىم خىتايدا زىيارەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 19-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، سۈرىيە پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسى بەششار ئەسەدنىڭ خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يۇقىرى دەرىجىلىك سۈرىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سۈرىيەنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي كىرىزىسى ئۇنىڭ ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى رايونلىرىدا ئاممىۋى نارازىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. سۈرىيە ھۆكۈمىتى بۇ كىرىزىستە غەربنىڭ ئېمبارگوسى ۋە سۈرىيەنىڭ ئىراق بىلەن بولغان شەرقىي چېگراسىدىكى نېفىتلىكلەرنى كونترول قىلىپ تۇرغان كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنى ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى.
سۈرىيەدە 2011-يىلى 3-ئايدا باشلانغان دېموكراتىك نامايىشلار قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ، توقۇنۇش ناھايىتى تېزلا ئىچكىي ئۇرۇشقا ئۆزگەرگەن. بۇ، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى جىھادچى كۈچلەرنىڭ سۈرىيەگە توپلىنىپ، قوراللىق گۇرۇھلارنى پەيدا قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەسەد ھۆكۈمىتى ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ ياردىمىدە سۈرىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى قايتا كونترول قىلغان. بۇ جەرياندا خىتاي ئۆزىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى رەت قىلىش ھوقۇقىنى قوللىنىپ، ب د ت نىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى سەككىز قېتىملىق قارارىنى رەت قىلغان. سۈرىيەمۇ ب د ت دا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارار لايىھەسى ياكى تەكلىپ پىكرىگە قارشى ئاۋاز بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئاقلاپ كەلگەن. تېخى يېقىندىلا سۈرىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتى خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىنائەن بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چەت ئەل دىپلوماتلىرىنىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇپ، خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسىتىنى ماختىغان ئىدى. ئەگەر بەششار ئەسەدنىڭ خىتاي زىيارىتى ئوڭۇشلۇق بولسا، بۇ ئۇنىڭ 2004-يىلى سابىق خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە بىر قېتىم خىتايدا زىيارەتتە بولغاندىن بۇيان 2-قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى بولۇپ قالىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، زىيارەتتە بەششار ئەسەد بىلەن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ خىتاي-سۈرىيە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن.