خىتاي دائىرىلىرى تەيۋەن «بىر خىتاي پرىنسىپى» نى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقە قانىلىنى تاقىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىنخۇا ئاخباراتى 25 - مايدىكى خەۋىرىدە خىتاي ئىككى قىرغاق مۇناسىۋەتلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئەن فېڭشەننىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ يۇقىرىقى قارارىغا تەيۋەننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ «بىر خىتاي پرىنسىپى» نى ئوچۇق ئاشكارا قوللىمىغانلىقى سەۋەب بولغان.
ئەن فېڭشەن مۇنداق دېگەن: «تەيۋەن بىر بىر خىتاي پرىنسىپىنى كۆرسىتىدىغان سىياسىي ئاساس - ‹1992ئورتاق تونۇشى› نى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئىككى قىرغاق ئارىسىدىكى ئالاقە مېخانىزمى توختىتىلدى.»
سەي يىڭۋېن تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى ياقىلىغۇچى پارتىيە - «دېموكراتىيە ئىلگىرىلەش پارتىيەسى» نىڭ نامزاتى بولۇپ، ئۇ بۇ يىل يانۋاردىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ما يىڭجيۇنى يېڭىپ، گومىنداڭ پارتىيەسىگە خاتىمە بەرگەن ۋە 20 - ماي قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى.
1992 - يىلى خىتاي ۋە تەيۋەن دائىرىلىرى ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان پىكىر بىرلىكىگە ئاساسەن «1992 ئورتا تونۇشى» ئىمزالانغان، بۇنىڭدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاتالمىش «بىر خىتاي پرىنسىپىنى» نى ئېتىراپ قىلىشى بەلگىلەنگەن.
سەي يىڭۋېن قەسەم بېرىش مۇراسىمىدىكى نۇتقىدا تەيۋەننىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتىنى ساقلايدىغانلىقى ھەمدە «1992 ئورتاق تونۇش» قا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما «بىر خىتاي پىرىنسىپى» نى تىلغا ئالمىغان.
خىتاي دائىرىلىرى ئەينى چاغدىمۇ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ «بىر خىتاي پىرىنسىپى» نىڭ تەيۋەن بىلەن ئالاقىنى ساقلاشتىكى تۈپ ئاساس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.