ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە شتاب باشلىقى گېنېرال مارك مىلېي، خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ تاجاۋۇزچى ۋە تېخىمۇ خەتەرلىك ھالغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېنېرال مىلېي ئۆتكەن ھەپتە ھىندونېزىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغان. ئۇ بۇ جەرياندا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تېخىمۇ تاجاۋۇزچى، تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالغا كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. گېنېرال مىلېي «خىتاي ئارمىيەسى مەيلى دېڭىزدا، مەيلى ھاۋادا بولسۇن بۇ رايوندا كۆرۈنەرلىك ۋە دىققەت قىلارلىق دەرىجىدە تېخىمۇ تاجاۋۇزچى ھالغا كەلدى» دەپ كۆرسەتكەن.
گېنېرال مىلېينىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئايروپىلانلىرى ۋە پاراخوتلىرىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىگە مۇداخىلە قىلىش قېتىم سانى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، شۇنداقلا خەتەرلىك مۇداخىلىلەردە بولۇش قېتىم سانىمۇ ئوخشاش كۆلەمدە كۆپەيگەن. گېنېرال مىلېي بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىگە قارشى ئۆزىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن، بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينى «تېز كۈچىيىۋاتقان تەھدىت»، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ ئەڭ مۇھىم «ئۇزۇن مۇددەتلىك رىقابەتچىسى» دەپ قاراۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېيتقان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېنېرال مىلېينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىگە قىلغان زىيارىتى كەسكىن رەۋىشتە خىتاي تەھدىتىگە مەركەزلەشكەن.
خەۋەردە، ئۇنىڭ بۇ ھەپتە ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھىندى-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى مۇداپىئە باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى، يىغىننىڭ ئاچقۇچلۇق تېمىسىمۇ خىتاينىڭ ئىزچىل كۈچىيىۋاتقان ھەربىي كۈچى ۋە رايوندا تىنچ، ئەركىن ھەم ئېچىۋېتىلگەن بىر تىنچ ئوكياننى ساقلاپ قېلىشنى مەركەز قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقىمۇ خىتاينىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىشى مۈۈكىنلىكىنى ئېيتقانىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە باش شتاب باشلىقى لى زۇچېڭ يېقىندا گېنېرال مىلېيغا خىتاينىڭ تەيۋەنگە ئوخشاش مەسىلىلەردە «مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقى» نى ئېيتقان.