ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو 2023 -يىلى 12-ئاينىڭ 7 كۈنى X (تىۋىتىردا) مۇنداق دېگەن: « ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان كوممۇنىست خىتاينىڭ تالىبانلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىگە ھېچكىم ھەيران قالماسلىقى كېرەك. باشقا دۆلەتلەر كوممۇنىست خىتاينىڭ دۇنياغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن يەنە قانداق ئىسپاتقا موھتاج؟»
«بلۇمبېرگ» (Bloomberg) تورىنىڭ 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇق دىپلوماتىك ئېتىراپقا ئېرىشىشتىن بۇرۇن سىياسىي ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشنى، بىخەتەرلىكنى ياخشىلاپ، قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە سورالغان سوئالغا مۈجمەل جاۋاب بېرىپ: «خىتاي ئەزەلدىن ئافغانىستاننى خەلقئارا جەمئىيەتتىن چىقىرىۋەتمەسلىك تەرىپىدە تۇرىدۇ » دېگەن.
خىتاي ئەمەلىيەتتە ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتىنى يەڭ ئىچىدە ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، ھەر ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنىڭ باش ئەلچىلىرىنى كۈتۈۋالغان ۋە دىپلوماتىك ئالاقىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەنىدى.
ۋاڭ ۋېنبىن تالىبان ھۆكۈمىتىنى « ھەر خىل تېررورلۇق كۈچلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇشقا ، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر، بولۇپمۇ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئىناق ياشاشقا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە بالدۇرراق قېتىلىشقا» دەۋەت قىلغان.
تالىبان ھۆكۈمىتى 2021-يىلى ئاۋغۇستتا ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنگەندىن كېيىن ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغان. خىتاي ، پاكىستان ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش ئاز ساندىكى دۆلەتلەر تالىبان ھۆكۈمىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلمىسىمۇ ، ئۆز دۆلەتلىرىدىكى تالىبان دىپلوماتلىرىنى قوبۇل قىلغان. تالىبانلار ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا ئافغانىستاننىڭ ھىندىستاندىكى ئەلچىخانىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن .
ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە، تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاننى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ بازىسى قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكى، خىتاينىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇشقا ئىقتىسادىي ياردەم ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.