خىتاي تالىبان ھاكىمىيىتىگە تەبىئىي بايلىق ئىزدەش بەدىلىگە تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەكلىپى بەرگەن

خىتاي تالىبان ھاكىمىيىتىگە ئافغانىستاندا تەبىئىي بايلىق قېزىش بەدىلىگە تالىبانلارنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرىدىن باج ئالماسلىق تەكلىپى بەرگەن. ئامېرىكادىكى VOZ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي بىلەن ئافغانىستاننىڭ تاشقى ئېكسپورت ئومۇمى سوممىسى 64 مىليون دوللار بولۇپ، خىتاي تالىبان ھۆكۈمرانلىقىدىكى بۇ دۆلەتنىڭ لىتىي، مىس، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال بايلىقلىرىنى قېزىشقا ئالاھىدە قىزىقىدىكەن. خىتاينىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاۋ شىڭ ئۆتكەن ھەپتە تالىبانلارنىڭ مۇۋەققەت مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ماۋلاۋى مۇھەممەت ئابدۇلكابىر بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ ئافغانىستانغا تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەكلىپىدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. جاۋ شىڭ خىتاينىڭ ئافغانىستاندىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەكلىپى بېيجىڭنىڭ سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
2021-يىلى ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان تالىبانلار خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي تالىبانلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئىزچىل كۈچەيتىپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى تالىبانلارنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئالدىنقى يىلىدىن باشلاپ كابۇلغا رەسمىي باش ئەلچى تەيىنلىگەن. تالىبانلارمۇ ھېچقانداق بىر شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

VOZ تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جاۋ شىڭ بىلەن ماۋلاۋى مۇھەممەت ئابدۇلكابىر ئۆتكەن ھەپتە كۆرۈشكەندە، كېلىشىمنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئېلى ۋە تاجىكىستاندىن ۋاخان كارىدورى ئارقىلىق ئۆتىدىغان يېڭى ئىقتىسادىي كارىدور مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان. خەۋەرلەردە، ئەگەر ۋاخان كارىدورى ئېچىلسا بۇنىڭ ئافغانىستاننى خىتاي -پاكىستان ئىقتىسادىى كارىدورىغا باغلايدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا، ھالبۇكى، قەشقەر بىلەن پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىنى تۇتاشتۇرىدىغان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، بۇ كارىدورنىڭ دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىدىكى بالۇچىستان خەلقلىرىنىڭمۇ قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن.