دونالد ترامپ خىتايغا قارىتىلغان تاموژنا بېجى ھەققىدە رەسمىي سۆز قىلدى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شۇ كۈنى مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، 2025-يىلى 1-فېۋرالدىن باشلاپ خىتايدىن كېلىدىغان تاۋارلارغا 10 پىرسەنت تاموژنا جازاسى ئېلان قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، «خىتاي ھازىرمۇ مېكسىكا ۋە كانادا ئارقىلىق غايەت زور مىقداردىكى فېنتانىلنى ئامېرىكا تەۋەسىگە يوللاۋاتىدۇ» دېگەن.

پىرېزىدېنت ترامپنىڭ سۆزى تېزدىن خىتاي تەرەپنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنلىكى مەلۇم. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، «بىز ھەر ۋاقىت ئامېرىكا تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىشنى، شۇ ئارقىلىق پەرقلەرنى تۈگىتىپ ئورتاق مەنپەئەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايمىز» دېگەن، شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇقىم ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئىستەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇلار يەنە بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ، «خىتاي ھەرقاچان ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى مۇستەھكەم ھالدا ھىمايە قىلىدۇ» دېگەن.

بۇ قېتىمقى تاموژنا بېجى قويۇلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كانادامۇ بار بولۇپ، ئاقساراينىڭ سودا مەسلىھەتچىسى پىتېر ناۋارو (Peter Navarro) بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە فېنتانىلنىڭ ئىزچىل كانادا ۋە مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكا تەۋەسىگە ئۆتۈش مەسىلىسىگە چەك قويۇش» دېگەن.

پىرېزىدېنت ترامپ سايلام مەزگىلىدە خىتايدىن كېلىۋاتقان فېنتانىلنىڭ ئامېرىكا خەلقىنى زەھەرلەشتە بەكمۇ قاباھەتلىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ھەمدە ناۋادا سايلامدا يېڭىپ چىقسا، بۇ مەسىلىنى تېزدىن ھەل قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. نۆۋەتتە بۇ مەسىلىنىڭ تاموژنا بېجى بىلەن باغلىنىشى ئاشۇ ۋەدىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئېشىشى، دەپ قارالماقتا.