خىتاي تاراتقۇلىرىدا جون ئولىۋېرنىڭ نامى مەنئى قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.06.21

ئەنگلىيەلىك مەشھۇر كومېدىيە ئارتىسى جون ئولىۋېر ئۆتكەن ھەپتە 20 مىنۇتلۇق تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلەپ، خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق قامچىلىغان ئىدى.

مەزكۇر كومېدىيەلىك پروگرامما تورغا چىققاندىن كېيىن كۆرۈلۈش قېتىم سانى ئۈچ كۈندىلا ئۈچ مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 21-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مىكرو بلوگ بولغان «ۋېيبو» بلوگى ئۇنىڭ ئىسمىنى ھەمدە ئۇنىڭ كومېدىيەلىك پروگراممىسىنى بۈگۈندىن باشلاپ تور دۇنياسىدا مەنئى قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 17-ئىيۇن كۈنى تارقىتىلغان بۇ كومېدىيەلىك پروگراممىدا ئولىۋېر خىتايدىكى دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش يىل چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش، «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» نى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەنقىدلىگەن شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى مەسخىرە قىلىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى پاش قىلىنغان.

شۇ قاتاردا ئولىۋېر يەنە ئۇيغۇرلار دىيارىدىن يېقىندا ئامېرىكىغا كەلگەن شائىر تاھىر ھامۇتنىڭ «ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىگە بەرگەن ۋىدىيولۇق بايانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي جەھەتتە قانداق زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ناتسىستلار گېرمانىيەسى دەۋرىدىكىگە ئوخشاش قاتمۇ-قات چەكلىمىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسلەتكەن.

ئۇ يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان خىتاي خەلقىگە قانداق بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى جانلىق ۋە ئىشەنچلىك تارىخىي پاكىتلار بىلەن كومېدىيەلىك تۈستە بايان قىلىپ بەرگەن.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جون ئولىۋېرنىڭ ئىسمى ئۆتكەن يىلىمۇ خىتايدا مۇشۇنداق مەنئى قىلىنغان. ئۇ چاغدا ئۇ تىبەتلەرنىڭ مەنىۋى داھىيسى دالاي لاما بىلەن تېلېۋىزىيە سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن ھەمدە خىتاينىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى مەسخىرە قىلغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.