«خەلق تورى» ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى شاڭخەيدە يەنە بىر ئۇيغۇر «چولپان» نى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.
خىتاي تاراتقۇلىرى بەكرى ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇر ياشنى «شاڭخەيدىكى شىنجاڭ ئەلچىسى» دەپ ئاتىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بەكرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىغا چىققاندا شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتىغا تاللانغان ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ 12 يىللىق ھاياتى شاڭخەيدە ئوقۇش ۋە «تېلېۋىزىيە پروگرامما رىياسەتچىسى» بولۇپ تونۇلۇش جەريانىنى بېسىپ ئۆتكەن ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى يېقىندىن بۇيان بەكرى توغرىلىق كۆپلىگەن خەۋەر ۋە مەخسۇس تونۇشتۇرۇش ماقالىلىرى ئېلان قىلغان. بۇ ماقالىلەردە ئۇنىڭ قانداق قىلىپ شىنجاڭدەك چەت جايدىن شاڭخەيگە كېلىپ «پارلىغانلىقى» تونۇشتۇرۇلغان.
شاڭخەيدە تەشۋىق قىلىنىۋاتقان «تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى» بەكرى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە مەخسۇس تەكلىپ قىلىنىپ، «بۇ يەر دېگەن شىنجاڭ» دېگەن ناخشىنى ئورۇنلىغانلىقى مەلۇم.
كۆزەتكۈچىلەر، بەكرىنىڭ قۇربانجان سەمەت بىلەن بىللە خىتاي تاراتقۇلىرىدا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنىۋاتقان يەنە بىر شەخس ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.