شى جىنپىڭ خىتاي بىلەن تايلاندنىڭ يەر شارى ۋەزىيىتىدىكى ئېنىقسىزلىققا قارشى ئۆزئارا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلغان

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 6-فېۋرال خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تايلاند باش مىنىستىرى پېتوڭتارىن شىناۋاترا بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي بىلەن تايلاندنىڭ ئۆزئارا ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، يەر شارى ۋەزىيىتىدىكى ئېنىقسىزلىققا قارشى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ، ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان تايلاند رەھبىرىنىڭ تۇنجى چەتئەل زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ. شىناۋاترانىڭ 5-فېۋرالدىن 8-فېۋرالغىچە ئېلىپ بارىدىغان 4 كۈنلۈك زىيارىتى، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ تەقدىرى خەلقئارانىڭ قايتا دىققىتىنى قوزغىغان، تايلاند باش مىنىستىرىنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان بېسىمغا تىز پۈكۈپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىنىۋاتقان پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان.

ئەنگىلىيە «مۇستەقىللىق» گېزىتى 6-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدە، شى جىنپىڭ بىلەن شىناۋاترانىڭ بۇ ئۇچرىشىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تايلاند باش مىنىستىرىغا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشنى تېزلىتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان پەيتتە بولغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كۆرۈشۈشتە شى جىنپىڭ تايلاند پايتەختى باڭكوك بىلەن خىتاينىڭ غەربىي-جەنۇبىدىكى كۈنمىڭ شەھىرىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تومۈر يول ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، شۇنىڭدەك رەقەملىك ئىقتىساد ۋە توكلۇق ئاپتوموبىل قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىق ساھەلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەرلىرىدە، شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي بىلەن تايلاند يۈز يىلدىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان مىسلىسىز چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئالدىدا، ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلەردە كۆپ تەرەپلىك ئىشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللىشى كېرەك» دېگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

شى جىنپىڭ بۇ تەۋسىيەنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ خىتاي ماللىرىغا 10 پىرسەنت قوشۇلما تاموژنا بېجى قويغان، شۇنداقلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركۇ رۇبىيو ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ يېقىنقى بىر گۇۋاھلىق يىغىنىدا، تايلاندنى «ئامېرىكانىڭ كۈچلۈك شېرىكى ۋە تارىخىي ئىتتىپاقدىشى» دەپ كۆرسىتىپ، تايلاند بىلەن 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىنىڭ ئارقىسىدىن ئوتتۇرىغا قويغان. مەلۇم بولۇشىچە، تايلاند خىتاينىڭ مۇھىم ساياھەت نۇقتىلىرىدىن بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە تور ئالدامچىلىقى ۋە بىخەتەرلىك ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھالقىلىق مەسىلە بولۇپ قالغان.