خىتاي تىبەتتە دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ سۇ ئېلېكتىر توسمىسى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشنى تەستىقلىغان

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتنىڭ يارلوزاڭبۇ دەرياسىدا دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ سۇ ئېلېكتىر توسمىسى قۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىغان. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر توسما قۇرۇلۇشىنى «ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان بىخەتەر پىلان» دەپ كۆرسەتسىمۇ، ئەمما بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تىبەت ئاھالىسىنىڭ كۆچۈرۈلۈشى ۋە يارلوزاڭبۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى ھىندىستان، بېنگال قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان ئېكولوگىيەلىك تەسىرى ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.

خىتاينىڭ 14-5 يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن بۇ قۇرۇلۇش بۇ ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلانغان. BBC نىڭ 27-دېكابىر بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بەزى لايىھەلەش ئورۇنلىرىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا 127 مىليارد دوللار مەبلەغ كېتىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىۋاتقانلىقى، ئەگەر بۇ قۇرۇلۇش پۈتۈپ چىقسا، ئۇنىڭ «ئۈچ بوغاز توسمىسى» دىن ئۈچ ھەسسە كۆپ ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن.

ئىلگىرى خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا، خىتاي قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنىڭ يارلوزاڭبۇ دەرياسىنىڭ سۈيىنى قانال ئارقىلىق تەكلىماكانغا باشلاش پىلانىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق بىر پىلانى بارلىقىنى رەت قىلغانىدى. نۆۋەتتە بەزى خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردا، يارلوزاڭبۇ توسما قۇرۇلۇشىنىڭ تەكلىماكانغا سۇ باشلاشنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ رەسمىي بىر ھۆكۈمەت پىلانى ئىكەنلىكى دەلىللەنمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى يارلوزاڭبۇ توسما قۇرۇلۇشىنى «ئېكولوگىيەلىك قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان بىخەتەر قۇرۇلۇش؛ بۇ قۇرۇلۇش يەرلىكنى گۈللەندۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ كىلىماتنى كونترول قىلىش پىلانىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېسىمۇ، تىبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەزكۇر توسما قۇرۇلۇشىنى بېيجىڭنىڭ تىبەتلەرنى تالان-تاراج قىلىشىنىڭ يەنە بىر تىپىك مىسالى، دەپ قارىماقتا. BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، يەنە بەزىلەر توسما قۇرۇلۇشى تۇپراقنىڭ تەبىئىي قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، يەرلىك ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ چوڭ تەسىرى بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، ئەمما قانچىلىك تىبەت پۇقراسىنىڭ كۆچۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «ئۈچ بوغاز توسمىسى» قۇرۇلۇشىدا بىر مىليون 400 مىڭ ئاھالە كۆچۈرۈلگەن ئىكەن.