ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي داكوتا شتاتى باشلىقى كرىستى نويىم (Kristi Noem) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكاغا قەست قىلىۋاتقان رەزىل ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ ئامېرىكادا تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«فوكۇس خەۋەرلىرى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كرىستى نويىم شتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە مۇستەبىت دۆلەت بىلەن توختام تۈزۈشىنى چەكلەش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكاغا ئۆچ بىر رەزىل ھۆكۈمەت. شۇڭا مەن جەنۇبىي داكوتا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلار بىلەن پوچتا-تېلېگراف ۋە باشقا ساھەلەردە سودا قىلماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى». ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ھۆكۈمەت يەنە خىتاينىڭ بۇ شىتاتتىن تېخىمۇ كۆپ تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇن تۈزۈۋېتىپتۇ.
فوكۇس تېلىۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كرىستى نويىم، ئامېرىكانى خىتاينىڭ تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى ئامېرىكانىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ ئاشلىق زاپىسىنى كونترول قىلماقچى، بۇ ئۇلارنىڭ ئامېرىكانى ۋەيران قىلىشىنىڭ بىرىنچى قەدىمى؛ خىتاي يەنە ئامېرىكانىڭ باشقا شىتاتلىرىدىن زېمىن-مۈلۈك سېتىۋالماقتا. ئەمما ئۇلارنىڭ غەرىزى جەنۇبىي داكوتادا ئەمەلگە ئاشمايدۇ».
كرىستى نويىم يەنە خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك بايلىقىنى ئوغرىلاش، پۇلنى كونترول قىلىش، ئامېرىكانىڭ خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنى سېتىۋېلىشتىن ھالقىپ، ئەمدى يەر سېتىۋېلىشقا ئۆتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ناھايىتى خەتەرلىك سىگنال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.