مىكرونېزىيە پرېزىدېنتى خىتاينى ئۆزلىرىگە قارىتا «سىياسىي ئۇرۇش» قوزغاش بىلەن ئەيىبلىدى

تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى-مىكرونېزىيەنىڭ پرېزىدېنتى يېقىندا سىياسىي ساھەسىدىكى زاتلارغا خەت يېزىپ، خىتاينى ئۆزلىرىگە قارىتا «سىياسىي ئۇرۇش» قوزغاش بىلەن ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا مىكرونېزىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت دەيۋىد پانېلو 9-مارت كۈنى يازغان 13 بەتلىك خېتىدە، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق قىلىش، پارا بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ئۇرۇش ئېچىپ قالسا مىكرونېزىيەنىڭ ئامېرىكا تەرەپتە ئەمەس، خىتاي تەرەپتە تۇرۇشى ياكى ھېچ بولمىسا بىتەرەپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان.

دەيۋىد پدنېلو مۇنداق دېگەن: «قىممەت قارىشىمىزنىڭ شۇئان بىزگە قارشى قوللىنىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن»، «خىتاينىڭ سىياسىي ئۇرۇشىنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردە ئۇتۇقلۇق بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، شېرىك بولۇش ۋە سۈكۈت قىلىشىمىز ئۈچۈن پارا ئېلىشىمىزدۇر».

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، مىكرونېزىيەنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋاقتىدا خىتاينىڭ باش ئەلچىسى ئۇنىڭ پۇل سېلىنغان بىر كونۋېرت بەرگەن، لېكىن ئۇ كونۋېرتنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانىكەن.

پانېلو يەنە خىتاي تەكشۈرۈش كېمىلىرىنىڭ مىكرونېزىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە جاسۇسلۇق پائالىيىتى قىلغانلىقى، تەبىئىي بايلىق ۋە دېڭىز ئاستى يوللىرىنى خەرىتىگە ئالغانلىقى، ئۆزىنىڭ ئۆتكەن يىلى فىجىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تىنچ ئوكيان مۇنبىرى» نىڭ يىغىنىغا بارغاندا فىجىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىككى ئىستىخبارات خادىمى ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ: «ناھايىتى ئېنىقىكى، مېنىڭ شەخسى بىخەتەرلىكىم خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەسمىي خادىملىرىنىڭ بىۋاسىتە تەھدىتىگە ئۇچرىدى» دېگەن. دەيۋىد پانېلونىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف ۋۇ بىلەن بۇ يىل 2-ئايدا كۆرۈشكەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەگەر مىكرونېزىيە تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت قۇرسا تەخمىنەن 50 مىليون دوللارلىق سېلىنمىغا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.