يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەرب دۇنياسى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكلىشىشنىڭ مەركىزىي نۇقتىلىرىدىن بىرى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى بولۇپ، يېقىندا ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا ياپونىيەنىڭ بۇ رايونغا 75 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەدنىڭ خىتاي ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقان تۈرلۈك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 21-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، باش ۋەزىر كىشىدا بۇ سۆزلەرنى ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدىكى زىيارىتى جەريانىدا ئېيتقان. شۇنىڭدەك ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ھەققىدىكى پىلانىدا تىنچلىق ساقلاش، ھەمكارلىق ئورنىتىش، دۇنياۋى بىرلىك ھاسىل قىلىش ۋە ئوچۇق دېڭىز بىخەتەرلىكىگە كېپىللىك قىلىشتەك تۆت تۈرلۈك غول ۋەزىپە بارلىقىنى، بۇ ۋەزىپىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 2030-يىلىغا قەدەر 75 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز ئەركىن ۋە ئوچۇق بولغان ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ئۈچۈن بولىدىغان ھەمكارلىقنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى پىلان قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭدا ھىندىستان مۇھىم شېرىكلەردىن ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بارغانسېرى يۇقۇرى پەللىگە چىقىۋاتقان ھەربىي ئىغۋاگەرلىكى ۋە مۇشتۇمزورلۇقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ياپونىيە، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» نى بەرپا قىلىپ چىققان ئىدى. بۇ ئىتتىپاقنىڭ مۇستەھكەملىنىشى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى نامىدا ئۆزلىرىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي قۇۋۋىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشى بىلەن ماس ھالدا ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.