خىتاي تەھدىتى گېرمانىيەنىمۇ خەۋپسىزلىككە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشكە قىستىغان

خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىسى ئىزچىل قويۇق بولۇپ كەلگەن گېرمانىيە ئەمدى خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتى ئالدىدا خەۋپسىزلىك مەسىلىسىنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىنمۇ بەكرەك مۇھىم ئورۇنغا قويۇشقا باشلىغان.

«رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 14-كۈنى گېرمانىيە تۇنجى قېتىم «دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنياغا سېلىۋاتقان تەھدىتىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى، رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدى دىققەت نۇقتىسىنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن كۆرە، گئو-سىياسىي نىشانغا بەكرەك مەركەزلەشتۈرۈۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن ھەمدە گېرمانىيەدە دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى بىلدۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا گېرمانىيە گەرچە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەنى قوللاۋاتقان خىتاينى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، تەيۋەن مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شۇلىز (Olaf Scholz) بۇ ئىستراتېگىيەنى تونۇشتۇرغاندا قىلغان سۆزىدە، «بۇ بىزنىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىمىزنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىمىزدا زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن؛ ئۇ، ھەربىي ئىستراتېگىيەدە ئومۇمىي خەۋپسىزلىكنى ئويلىشىدىغانلىقىنى، خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى پات ئارىدا تەييار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربۇك (Annalena Baerbock): «بىز كەلگۈسىدە ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىمىزدىمۇ خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىمىز. بىز رۇسىيەدىن ئالىدىغان گازغا تۆلەيدىغان پۇلدىن ئىككى-ئۈچ ھەسسە ئارتۇق پۇلنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە سەرپ قىلدۇق» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە ياۋروپاغا ساتىدىغان تەبىئىي گازنىڭ يېرىمىنى گېرمانىيە ئېلىۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىنمۇ بۇ سودىنى توختىتىشقا ئامالسىز قالغان. رۇسىيە بىلەن خىتاي ھازىر ياۋروپانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت بولۇپ قالغان، ئەمما گېرمانىيەمۇ باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئوخشاشلا ئېنېرگىيە ۋە مال تەمىنلەشتە رۇسىيە بىلەن خىتايغا تايىنىپ قالغان. شۇڭا گېرمانىيە بۇنىڭدىن كېيىن خەۋپسىزلىكنى ئىقتىسادتىن مۇھىم ئورۇنغا قويىمەن دېسە، ئالدى بىلەن خىتاي بىلەن رۇسىيەگە تايىنىشتىن قۇتۇلۇشى كېرەك ئىكەن.