ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى، لىبېراللار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى، سابىق ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتېر داتون، «خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي خىرىسىنىڭ ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىشىدىنمۇ خەۋپلىك ئىكەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.
ئاۋسترالىيە «ئاسمان خەۋەرلىرى» قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى موررىسون ھۆكۈمىتىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن پېتېر داتون، كانبېررا ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقى، بىراق بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ھەربىي تەييارلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان. پېتېر داتوننىڭ ئېيتىشىچە، «ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئەستايىدىل بولۇشى، خىتايدىن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ھەربىي تەييارلىقلاردا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك» ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھۆكۈمەت خىتايدىن بۇ ئۇچرىشىش ۋە مۇزاكىرىلەرنى ياخشى نىيەت بىلەن ئېلىپ بارغان-بارمىغانلىقى، ياخشى نىيەتنىڭ بىر بېشارىتى سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك».
پېتېر داتون، ھازىرقى ئاۋسترالىيە «ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى» ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېسنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى تىنچ ئوكياندىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت، دېگەن سۆزىنى تەنقىدلەپ: «كىلىمات مەسىلىسى مۇھىم مەسىلە، بىراق شۇئاندا ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى ئەڭ چوڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى خىتاي ۋە ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىدۇر» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە ئەنگلىيەنىڭ سابىق مىنىستىرى تونىي بلايېرمۇ غەرب دۆلەتلىرىنى خىتاي تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ، غەرب دۆلەتلىرىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، خىتاينىڭ «دۇنيادىكى 2-دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت» بولۇپ قەد كۆتۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى تۈزۈپ چىقىشقا چاقىرغان.
«ياخۇ خەۋەرلىرى» نىڭ 16-ئىيۇل بىلدۈرۈشىچە، تونىي بلايېر «دىچلېي فوندى جەمئىيىتى» دە سۆزلىگەن يىللىق لېكسىيەسىدە، ئەگەر خىتايغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرمىسا، «غەربنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھۆكۈمرانلىق دەۋرى ئاخىرلىشىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.