مىنىستىر چاد ۋولف: «خىتايدىن كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنى قەتئىي توسۇشىمىز لازىم!»

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇۋەققەت مىنىستىرى چاد ۋولف يېقىندا مىنىستىرلىق قارمىقىدا «خىتاي خىزمەت گۇرۇپپىسى» تەسىس قىلدى ھەمدە بۇنىڭدىكى مەقسەت ئامېرىكا تۇپرىقىغا خىتايدىن كېلىۋاتقان تۈرلۈك تەھدىتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سودا، تور بىخەتەرلىكى، كۆچمەنلەر مەسىلىسى ۋە ئەقلىي مۈلۈك ساھەسىدىكى يامان غەرەزلىك ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى كۆپەيگەن. مىنىستىر چاد ۋولف بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى دۆلىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇ خىلدىكى تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى مۇھىم نىشان قىلىدۇ،» دېگەن.

مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى خىزمەت پىلانىدا خىتاينىڭ سۈپەتسىز ياكى چەكلەنگەن تېببىي مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكا بازىرىغا ئەكىرىشىنى چەكلەش، ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىش ئېھتىماللىقى بولغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ۋىزا بەرمەسلىك، مىليونلىغان ئۇيغۇرغا چېتىلىغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى مۇسادىرە قىلىش، قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر گۇرۇپپا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى باشقا بۆلۈملەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا خەلقى ۋە ھۆكۈمىىتنىڭ مەنپەئەتلىرىگە زىيان سېلىشىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن خىزمەتنى باشلىۋەتكەن.