ئامېرىكا تاراتقۇلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەپلا قالماي، باشقا مۇسۇلمان پۇقرالىرىنىڭمۇ مەككە ۋە باشقا جايغا بېرىشىنى قىيىنلاشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئامېرىكانىڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇلىرىدىن دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسى (NPR) نىڭ 17-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن كېيىن خەلقئارالىق ساياھەت ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى «مۇسۇلمان پۇقرالىرى چەتئەلگە چىقسا رادىكاللىشىشى ياكى دىنىي قىزغىنلىقى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن» دېگەن ئەندىشە بىلەن ئۇلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشى يولىنى كېسىپ تاشلىماقتا ئىكەن.
NPR نىڭ مۇخبىرى بۇ يىل قۇربان ھېيتتا خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىن ھەجگە كەلگەن ئالتە نەپەر مۇسۇلمان بىلەن ئالاقە قۇرۇپ، ئۇلار بىلەن يوشۇرۇن سۆھبەتلەشكەن. NPR نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ سەپىرى خىتاينىڭ بىنورمال ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ مۇسۇلمان پۇقرالىرىنىڭ ھەج قىلىشىنى نازارەت قىلىش ۋە توسۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئېتىقاتچىلارنىڭمۇ بۇ خىل نازارەت ۋە توسقۇنلۇقلاردىن ئۇستىلىق بىلەن ئاتلاپ ئۆتۈش چارىلىرىنى تاپقانلىقىنى نامايان قىلغان.
خەۋەردە خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقادنى قاتتىق چەكلىگەنلىكى، بولۇپمۇ خرىستىيان ۋە ئىسلام دىنلىرىنى قاتتىق تەقىب قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر رايونىدا 2017-يىلدىن كېيىن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلاردىن يۈزمىڭلىغان كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ياكى قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، (خىتاي) جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى ئايرودروملارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىسلام دۆلەتلىرىگە قاراپ يولغا چىققان ساياھەتچىلەرنى تەكشۈرۈش، شۇنداقلا ۋ چەتئەلدىكى ھاجىلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنى ئۆيىگە قايتىشقا مەجبۇرلاش ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرماقتا ئىكەن. خەۋەردە يەنە تارقاق ھەج قىلغانلارنىڭ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقى ياكى قولغا ئېلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
شۇلاردىن ھەجگە بارغان خىتاي مۇسۇلمانلىرىدىن بىرى NPR نىڭ مۇخبىرى ئېمىلىي فېڭغا «خىتاي سىزنى چەتئەلدە بولسىڭىزمۇ كونترول قىلىشنى ئويلايدۇ» دېگەن.
