خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئىسرائىلىيەگە بېسىم قىلغان

«ئاكسيوس» (Axios) تورىنىڭ يېقىندا ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن رەسمىي ھالدا ئىسرائىلىيەنى «ئاگاھلاندۇرماقچى» بولغانلىقى مەلۇم بولغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ جيەنچاۋ يېقىندا ئىسرائىلىيەنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى ئىرىت بېن ئاببا (Irit Ben-Abba) غا ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىنى دەپ ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزۇپ قويماسلىق» نى ئاگاھلاندۇرغان. شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭمۇ «ئىسرائىلىيەدىكى يەھۇدىيلارغا ئوخشاشلا غەرب جاھانگىرلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خەلق ئىكەنلىكى» نى ئەسكەرتكەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە «ئىسرائىلىيە ھازىر بىز بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق نۇقتىدا تۇرماقتا» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ليۇ جيەنچاۋ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا «ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ» دېگەن مەسىلىدە ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا ئۇلارنى «ئامېرىكا باشلىغان پاتقاققا پاتماسلىق» قا دەۋەت قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «ئامېرىكا ھازىرغىچە ئافغانىستان ۋە ئىراقتا ئۇرۇش قوزغىغان بولسىمۇ ھۆكۈمىتىمىز ئۆتكەن 40 يىلدا بىر پايمۇ ئوق چىقارغىنى يوق» دېگەن. ئەمما ئىسرائىلىيە باش ئەلچىسى «بىزنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دىپلوماتىيە سىياسىتىمىز بار» دېگەن ھەمدە نۆۋەتتىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى سابىق باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانىياخۇ (Benjamin Netanyahu) دەۋرىدە خىتاي بىلەن بەكلا يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان بولۇپ، يېڭى ھۆكۈمەت دەۋرىدە بۇ ھال تۈپتىن ئۆزگەرگەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دۇنياسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىسرائىلىيە بىلەن تىركىشىپ كېلىۋاتقان پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى پائالىيەتلىرىنى قوللاشنى داۋام قىلدۇرغانلىقتىن ئىسرائىلىيەدىكى خىتايغا قارشى كەيپىيات بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتىكەن.