ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى لىلويد ئائۇستىن، رۇسىيە ئۇكئراىناغا قارىتا قوراللىق تاجاۋۇز قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن يەنىلا ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لىلويد ئائۇستىننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي خەلقئارا تەرتىپنى ئۆزگەرتىش قابىلىيىتىگە ئىگە بىردىن-بىر دۆلەت ئىكەن. ئەمما لىلويد ئائۇستىن شۇنداقتىمۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى قوزغىغان ئۇرۇشى يەنىلا «ئېغىر تەھدىت» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئائۇستىن لىلويد 27-ئۆكتەبىر ئامېرىكانىڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىيە ئىستىراتېگىيەسى ھۆججىتىنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي خەلقئارا تەرتىپنى قايتا شەكىللەندۈرۈش نىيىتىگە ئىگە ۋە شۇنداق قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان بىردىن-بىر رىقابەتچىدۇر.»
ئامېرىكانىڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىيە ئىستىراتېگىيەسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ «ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە خەلقئارا سىستېمىسنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئىستىبدات ئۇرۇنۇشلىرىغا لايىق ھالەتكە كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا» ئىكەن. ئىستىراتېگىيە ھۆججىتىدە يەنە خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتىلغان «ئىغۋاگەرچىلىك پائالىيەتلىرى» رايوننىڭ تىنچلىقىنى بۇزىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭغا خىرىس قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. ئىستىراتېگىيە ھۆججىتىدە يەنە خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ «مەنپەئەتلىرى پەرقلىق، ئۇلار ئارىسىدا ئىشەنچىسىزلىك مەۋجۇت» بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ شۇنىڭغا قارىماي تېخىمۇ يېقىنلىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ دۆلەت مۇداپىيە ئىستىراتېگىيەسىنى ئېلان قىلغان كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى رۇسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى لاۋروف بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، موسكۋانى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن، شۇنداقلا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىنمۇ موسكۋادىكى بىر پائالىيەتتە تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.