خەلقئارا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش فېدېراتسىيەسى دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ خەلقئارا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنىڭ بىر يىل چەكلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى يېڭى تېخنىكىلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، 2008- ۋە 2012-يىللىرىدىكى خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن قالغان بەدەن تەكشۈرۈش ئەۋرىشكىلىرىنى قايتا ئانالىز قىلغان. ئانالىز نەتىجىسىدە ساۋ لېي، چېن شيېشيا، ليۇ چۈنخوڭ قاتارلىق 3 نەپەر خىتاي ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تەنھەرىكەتچىسىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە روھلاندۇرۇش دورىسى ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم بولغان.
يۇقىرىقى 3 نەپەر خىتاي تەنھەرىكەتچى 2008-يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. خەلقئارا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش فېدېراتسىيەسى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئۇلارنىڭ ئالتۇن مېدالىنى قايتۇرۇۋېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ب ب س نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خەلقئارا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش فېدېراتسىيەسى خىتايدىن باشقا يەنە رۇسىيە، ئۇكرائىنيە، ئەزەربەيجان، بېلارۇسىيە، قازاقىستان، ئەرمېنىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ خەلقئارا مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن بىر يىل مەنئى قىلغان.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭمۇ روھلاندۇرۇش دورىسى ئىشلەتكەنلىكىنى بايقىغان. خەلقئارا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش فېدېراتسىيەسى 2016-يىلى ئەگەر ھەرقانداق دۆلەتتىن 3 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچىنىڭ روھلاندۇرۇش دورىسى ئىشلەتكەنلىكى بايقالسا، بۇ دۆلەتنىڭ مۇسابىقىدىن بىر يىل مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر ئورگاننىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرىقى 9 دۆلەت بۇ يىل نويابىردا ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلمايدىكەن.