رادىئويىمىزنىڭ گېرمانىيىدىكى مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 12-ئاپرېلدىن 14-ئاپرېلغىچە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئېچىلغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، خىتايدىكى خەۋەر كونتروللۇقى ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى سېتىش قىلمىشى تەنقىد قىلىنغان.
خىتاي ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىگە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مەسئۇلى كېپۇر ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، يىغىنغا ئامېرىكىدىكى يېڭى تاڭ تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى جۇۋ، گېرمانىيە مائىنز ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەنلەر پروفېسسورى لى خۇيگې ۋە ئىككى نەپەر گۇۋاھچى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، خىتايدىكى خەۋەر كونتروللۇقى ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئورگانلىرىنى سېتىش سودىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى 1972-يىلى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە 30 نەچچە دۆلەتتە بۇ ئورگاننىڭ ئىش بېجىرىش ئىشخانىلىرى بار بولۇپ، ئەزا سانى 400 مىڭغا يەتكەن. ئۆتكەن ھەپتە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئېچىلغان يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ئىران، شىمالىي كورىيە، كۇبا ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسى قىلىنغان.
