ئاۋام پالاتاسى خىتاينى «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» كاتېگورىيەسىدىن چىقىرىۋېتىش قارارى ئالدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.05.30

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى يېقىندا ئىككى پارتىيە ئەزالىرى بىردەك قوللىغان شارائىتتا خىتاينى «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» كاتېگورىيەسىدىن چىقىرىۋېتىش ھەققىدە قارار ئالدى. ئوبزورچىلار بىردەك بۇ ھالنى خەلقئارا شارائىت ۋە خىتاينىڭ ئەمىلى ئەھۋالى كەلتۈرۈپ چىقارغان رېئاللىق، دەپ قاراش بىلەن بىرگە «بۇ ھال ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بولغان نەپرىتىنىڭ تېخىمۇ ئېشىپ ماڭغانلىقىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىپادىسى» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

«فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ 29-ماي سانىدا ئېلان قىلىنغان مىلتون ئېزراتى (Milton Ezrati)  ئىمزاسىدىكى ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، خىتاي تۇنجى بولۇپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان 1999-يىلىدىكى رېئاللىق ھەقىقەتەنمۇ خىتاينىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» دەپ قارىلىشىنى تەقەززا قىلغان. چۈنكى شۇ ۋاقىتتىكى خىتاينىڭ ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسى، ئىمپورت ۋە ئېكسپورت سەۋىيەسى، مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى ئەھۋالى بىردەك ئۇنىڭ باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە ئوخشاش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان.
ھالبۇكى ئۆتكەن 20 يىلدا خىتاينىڭ ئەھۋالىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بارلىققا كەلگەن. خىتاي تېزدىن دۇنيادىكى ئىككىنچى زور ئىقتىسادىي قۇۋۋەت ساھىبى بولۇش بىلەن بىرگە 2022-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 20 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان.

خىتايدىكى دۆلەتلىك ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسى ھازىر 12 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، دۇنيا بانكىسى «يۇقىرى كىرىم سەۋىيەسى» دەپ بېكىتكەن 13 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆلچەمگە يېقىنلاپ قالغان. خىتاينىڭ ئىمپورت ۋە ئېكسپورت مىقدارى دۇنيانىڭ 21 پىرسەنتىنى، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى ۋە مىقدارى دۇنيانىڭ سەككىز پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان. خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» غا سالغان مەبلىغى 850 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. مۇشۇنداق تەرەققىيات سەۋىيەسىگە يېتىپ بولغان خىتاينىڭ داۋاملىق تۈردە ئۆزىنى «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» دېگەن كاتېگورىيەگە مەنسۇپ قىلىپ تۇرۇپ، دۇنيا بانكىسى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئ‍ورگانلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشىشى نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپ قارشى پىكىرگە دۇچ كېلىشكە باشلىغان. تېخىمۇ مۇھىمى «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» دېگەن قالپاق ئاستىدا خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتى بېكىتكەن ئىمپورت-ئېكسپورت باج مىقدارىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي ساھەلەر ئۈچۈن تۆلەم ئېلىش، خەلقئارادىن قەرز ئېلىنغان غايەت زور مىقداردىكى مەبلەغ ئۈچۈن تۆلىنىدىغان ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش دېگەندەك كۆپلىگەن تۈرلەردىن مەنپەئەتلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىۋالغان.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ بۇ قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلىپ : «بۇ قارار دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات خىراجىتىنى ئاشۇرۇپ، بىزنىڭ قۇربىمىز يەتمەيدىغان خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىمىزگە ئېلىشقا مەجبۇرلاشتىن باشقا ئىش ئەمەس» دېگەن. خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «نەچچە ئون يىل تەرەققىي قىلغان بىر دۆلەتنى نەچچە ئەسىر تەرەققىي قىلغان سانائەت دۆلەتلىرى بىلەن ئوخشاش مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇرلاش ئادالەتلىك قارار ئەمەس» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.