خىتاي تېررورىزمغا قارشى مەخسۇس ھەرىكەت گۇرۇپپىسى قۇردى


خىتاي دائىرىلىرى يىلقىچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن تېررورىزمغا قارشى تۇرىدىغان مەخسۇس ھەرىكەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىدىن مەزكۇر ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنى يېتەكلەشكە تەيىنلەنگەن گو شەنكۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر گۇرۇپپا تولۇق تەييارلىنىپ بولغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، «23 - ئاپرېل سېرىقبۇيا ۋەقەسى» يۈز بېرىپ خىتاينىڭ 15 نەپەر ھۆكۈمەتكە خادىمى ئۆلگەندىن كېيىن، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس يوليورۇق چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىغا قاتتىق تاقابىل تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

شىنخۇا ئاخباراتىغا قارىغاندا، شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر يوليورۇقىدىن كېيىن خىتاي سىياسىي بيۇروسى ئەزاسى يۈ جېڭشەن دەرھال ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەر بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2009 - يىلدىن كېيىنلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى كۆپەيتىشكە باشلىغان ئىدى.

ھالبۇكى، بۇ نۆۋەت قۇرغان ۋە ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلگەن ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ سانى ۋە شەكلى ھەققىدە ئۇچۇرلار بېرىلمىدى.