خىتاي ئەمەلدارى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ «تېررورلۇقنىڭ مەنبەسى» نى قۇرۇتۇشنى تەلەپ قىلدى

خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى 26‏-ئاپرېل كۈنى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ «تېررورلۇقنىڭ مەنبەسى» نى يوقىتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ سۆزلەرنى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جاۋ كېجى ئۆتكەن جۈمە كۈنى چاقىرىلغان بىر قېتىملىق تېلېفون يىغىنىدا تەكىتلىگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، يىغىندا جاۋ كېجى ئىستىخبارات توپلاشنى كۈچەيتىش ۋە سىڭىپ كىرىشكە قارشى تېخىمۇ كەسكىن تەدبىرلەرنى ئېلىشنىڭ زۆرىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە جاۋ كېجىنىڭ ئىستىخبارات توپلاش ۋە سىڭىپ كىرىشكە قارشى كونكرېت قانداق تەدبىرلەرنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ «مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى ھەل قىلىدىغان تەدبىرلەرنى ئېلىش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش زۆرۈر،» دېگەن. خەۋەردە يەنە جاۋ كېجىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇقنىڭ ئوزۇقلىنىش مەنبەسىنى ۋەيران قىلىش» نى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، جاۋ كېجىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد، مەدەنىيەت، تىل، ئۆرپ- ئادەت ۋە تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى ئەسەبىلىكنىڭ مەنبەسى دەپ قاراپ قاتتىق چەكلەۋاتقان، ئاز دېگەندە بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىۋالغان، ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك قامال ئاستىغا ئالغان بىر مەزگلدە بۇ سۆزلەرنى قىلىشى دىققەت قوزغايدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق» قا، «ئاشقۇنلۇق» قا قارشى نامدا يولغا قويغان يۇقىرىقى تەدبىرلىرى يېقىندىن بېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان. يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرى خىتاينىڭ تېررورلۇقىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى قامىغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ئىدى.