خىتاينىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك 4 ئورگىنى بىرلىكتە «تېررورلۇققا قارشى قوللانما» تۈزۈپ چىققان

يېقىندا خىتاي مەملىكەتلىك تەپتىش مەھكىمىسى، خىتاي مەملىكەتلىك ئالىي سوت مەھكىمىسى، خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ۋە خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «تېررورلۇق» قا ياتىدىغان جىنايەتلەرنىڭ جازاسى ۋە قانۇنىي تەرتىپى ھەققىدە بىر قوللانما تۈزۈپ چىققان.

خىتايدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى ئىنگلىزچە سانىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قوللانمىدا «تېررورلۇق» قا ياتىدىغان مەزمۇندىكى ماتېرىياللارنى توردا يازغان، ئوقۇغان ۋە تارقاتقانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى بىلدۈرگەن.

بۇ قوللانما ئۆتكەن جۈمە كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان. «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دە بۇ توغرۇلۇق پىكىر بايان قىلغان خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى شيوڭ كۈنشىن «تېررورلۇق» قا ياتىدىغان مەزمۇندىكى ماتېرىياللارنىڭ تورلاردا بارغانسېرى كۆزگە كۆپ چېلىقىدىغان بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ مەزكۇر قوللانمىنىڭ «تېررورلۇق» خاھىشىدىكى كىشىلەرنى، يەنى «تېررورلۇققا قارشى قانۇن» غا خىلاپلىق قىلىش ئېھتىمالى بار كىشىلەرنى بايقاپ بېكىتىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇيغۇر دىيارىدا ئالدىنقى يىللاردا «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل ئالامىتى» قاتارلىق قوللانمىلار تارقىتىلغان ۋە ئۆتكەن يىلى «تېررورلۇققا قارشى قانۇن» مۇ ماقۇللانغان ئىدى. خىتاينىڭ بۇ قېتىم مىنىستىر دەرىجىلىك 4 ئورگىنى تۈزۈپ چىققان مەزكۇر «تېررورلۇققا قارشى قوللانما» نىڭ ئالدىنقىلىرىدىن قانداق بىر پەرققە ئىگە ئىكەنلىكى مەزكۇر خەۋەردە تىلغا ئېلىنمىغان.

يىللاردىن بېرى مۇستەقىل خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «تېررورلۇق» قا قارشى تۇرۇشتا قانۇنغا ئاساسلانماي ھۆججەتكە ئاساسلىنىۋاتقانلىقى، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارنى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەۋاتقانلىقى ئەسكەرتىپ كەلگەن ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقئارا تاراتقۇلار خىتاينىڭ «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەنگۈچىلەرنى جازالاپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر مىللىتىنى پۈتۈن بىر مىللەت گەۋدىسى بىلەن جازالاۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەر ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ كەلگەن ئىدى.