كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئەڭ چوڭ بانكاسى بولغان خىتاي سودا-سانائەت بانكاسىغا «جىنايى ئىشلار ۋە تېرورچىلارنى پۇل بىلەن تەمىنلەشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى» غا ئاساسەن، 701 مىڭ 250 دوللار جەرىمانە قويغان. گەرچە جەرىمانە سوممىسى كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق بۇ تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر خىتاي پۇل-مۇئامىلە ئورگانىنىڭ چەت ئەل تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا ئاساسەن جازالىنىشىدۇر. كانادادىكى «تورونتۇ قۇياشى» گېزىتىنىڭ ئاشكارلىشىچە، خىتاي سودا-سانائەت بانكاسى گۇمانلىق بانكا ھېساب نومۇرىنى مەلۇم قىلمىغانلىقى ئۈچۈن جەرىمانە تۆلەش جازاسىغا ئۇچرىغان.
كانادا مالىيە پېرىۋۇتى ۋە مەلۇمات ئانالىز مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى ساراھ پاكۇئېت: «بىز قەتئىي بولىمىز. ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغاندا مۇۋاپىق ھەرىكەت قوللىنىمىز،» دېگەن. كانادا قانۇنىدا پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ 10 مىڭ دوللار ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولغان ھەرقانداق پۇل پېرىۋۇتىنى «مالىيە پېرىۋۇتى ۋە مەلۇمات ئانالىز مەركىزى» گە مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن.
«تورونتۇ قۇياشى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي سودا-سانائەت بانكاسى «گۇمانلىق پۇل پېرىۋۇتىنى مەلۇم قىلماي، سودىدا پۇل يۇيۇش ياكى تېرورلۇقنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش جىنايىتى سادىر قىلىش گۇمانى پەيدا قىلىشقا يېتەرلىك ئاساس ھازىرلاپ بەرگەن،» ئىكەن
خىتاي سودا-سانائەت بانكاسى ئۆزىنىڭ ھەركىتىنىڭ «رەسمىيەت قەغىزى بېجىرىش جەريانىدىكى سەۋەنلىك» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل يوقلىقى» نى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق جەرىمانىنى تۆلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي سودا-سانائەت بانكاسىنىڭ كانادادىكى ۋانكوۋېر، رىچموند، برىتىش كولۇمبىيەسى، كالگارى، تورونتو، رىچموند ھىل، ماركھام، مىسسىسائۇگا، سكاربورو، مونتېرىيال قاتارلىق شەھەرلىرىدە شۆبىسى بار ئىكەن.