خىتاي «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش» قانۇنىى ماقۇللىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-12-27
Share


خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ تۇنجى ‹تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش› قانۇنىنى ماقۇللاپ، بۇ قانۇننى 2016 - يىلى 1 - يانۋاردىن باشلاپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 159 نەپەر دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بىردەك بۇ قانۇنىنى قوبۇل قىلىش ئاۋازى بەرگەن. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ قانۇننى تەستىقلىغان.

خىتاي ئۆزىنىڭ مەزكۇر قانۇنىغا تايىنىپ، تېررورىزمغا قارشى قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ مەزكۇر تۇنجى «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش» قانۇنى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ماددىلىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق، پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سۆز ئەركىنلىكى ۋە باشقا ساھەلەرگە ئائىت تۈرلۈك ئەندىشىلىك ئىنكاسلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا خىتاينىڭ مەزكۇر قانۇنىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنسىتىرىلىقى باياناتچىسى گابرېللا پرايسې خىتاينىڭ مەزكۇر قانۇنىغا قارىتا، «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇننىڭ خىتايدىكى سۆز ئەركىنلىكى، جەمىيەتلەرگە ئۇيۇشۇش، تىنچلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈش ۋە دىنىي ئەركىنلىككە قارىتا تېخىمۇ بىر قەدەم چەكلىمە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارايمىز» دېگەن ئىدى

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت