ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەشۋىقاتىدا ئاجىز كەلگەن خىتاي دائىرىلىرى ئاممىنى ھەرىكەتكە مەجبۇرلىماقتا

مارالبېشىدا يۈز بەرگەن سېرىقبۇيا، پىچاندا يۈز بەرگەن لۈكچۈن ۋە خوتەن يۈز بەرگەن خانئېرىق ۋەقەلىرىدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا مەتبۇئاتى خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى ئىنكار قىلىپ، ۋەقەنىڭ زۇلۇم ۋە تەڭسىزلىكتىن كېلىپ چىققانلىقىنى، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشقان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيانى ئۆز ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تېررورلۇق ئەيىبلىمىسىگە ئىشەندۈرەلمىگەن خىتاي دائىرىلىرى، ئەمدىلىكتە رايوندىكى خەلقنى تەشۋىقات سەپەرۋەرلىكىگە چاقىرغان. خىتايچە تەڭرىتاغ تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى بىر ئوبزورىدا، نۆۋەتتە ھەر يەردە كىشىلەرنىڭ ئىجابىي مەنزىرىلەرنى رەسىمگە تارتىۋاتقانلىقى، ھەممە تورلاردا تېررورچىلارغا قارشى ئىنكاسلار يېزىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

بۇ ۋەزىيەتكە ئاپىرىن ئوقۇلغان ئوبزوردا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتا، ئىدېئولوگىيە سېپىدە ئۈستۈنلۈك ئىگىلەشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىپ، بارلىق پۇقرالارنىڭ پىكىر بىلدۈرۈشى ۋە ئىنكاس يېزىشى، بۇ ئارقىلىق، دۇنيا جامائەتچىلىكىدە پەيدا بولغان ئاتالمىش خاتا چۈشەنچىلەرنى تۈگىتىش تەشەببۇس قىلىنغان.

بۈگۈن تەڭرىتاغ تورىدا قاراشەھەردىكى بىر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەتتىن رازىمەنلىك باياننامىسى ئېلان قىلىنغان. خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقات دولقۇنىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېقىنقى ۋەقەلەردىن كېيىن ۋەزىيەت تەشۋىقاتىدا خىتاينىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى ئاجىز كېلىپ، ئاممىنى ئۆزلىرىگە ماسلىشىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.