ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتى 13-يانۋار كۈنى خىتاي تاراتقۇلىرىغا مەلۇمات بېرىپ، مەزكۇر رايوندا 2019-يىلى 480 مىڭ 900 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەزكۇر نازارەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 2019-يىلى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچتىكى ۋەزىپىنى 106. 87 پىرسەنت ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان. لېكىن دائىرىلەر بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى جايلارغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇر «ئىشلەمچىلەر» نىڭ قانچە پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا نورمال قاناللاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئادەتتىكى ئۇيغۇر ئىشسىزلار بىلەن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانچە پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا يۆتكەپ، خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە بۇ خىل سانلىق مەلۇماتلارنىڭ دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر مەسىلىدە ئۇيغۇر ئائىلىلەرنى پارچىلاپ، مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىز قېلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئانا تىلى، دىنىي ئېتىقادى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن بولغان بېغىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىندى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى بۇ خىل كارخانىلاردا ئىشلەنگەن بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەنىدى. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتىنىڭ بۇ يىللىق پىلانىدا شەھەر-بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 450 مىڭ كىشىگە، «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 2مىليون700 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈش ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «كەسپىي تەربىيە» بېرىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى زاۋۇت-كارخانىلارغا بەند قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، دىنىي ئېتىقادى بىلەن بولغان بېغىنى ئۈزۈپ تاشلاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.