خىتاي دىپلوماتىنىڭ يەھۇدىيلار خاتىرە پائالىيىتىگە قاتنىشىشى مەسخىرە قىلىندى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى جاڭ جۈن 25-يانۋار كۈنى نيۇ-يورك شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە پائالىيىتى» گە قاتناشقان ھەمدە بۇئەھۋالنى ئۆزىنىڭ تىۋتتېر بېتىدە كۆز-كۆز قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 27-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى ئانتونيو گوتتېرۇس قاتارلىق مۇھىم ئەربابلار قاتناشقان بولۇپ، مەشھۇر ئاشۋىز جازا لاگېرى ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزلگەنىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەركىتى «21-ئەسردىكى يېڭى قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقاندا خىتاي باش ئەلچىنىڭ بۇنداق بىر پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىنىشى زور تەنقىدكە ئۇچرىدى. ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ رەئىسى دىلنۇر رەيھان بۇ ھالنى تەنقىدلەپ «ئۇيغۇرلارنى قىرغىنقىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر خىتاينى بۇ پائالىيەتكە چاقىرش ماھىيەتتە ناتسىستلارنىڭ ۋەكىلىنى يەھۇدىيلارنىڭ خاتىرە پائالىيىتىگە چىللاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېدى.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن كۆپلىگەن ساھەنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. يەھۇديلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى باسدىغان كۆپلىگەن گېزىتلەر بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى نۇرغۇن مەسخىرە ۋە تەنقىد ئىنكاسلىرىنى تاپشۇرىۋالغان.