خىتاي دائىرىلىرى جەنۋەدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق سىن يىغىنى ئېچىپ، ئۆز قىلمىشلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سەۋەبىدىن خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە، خەلئارا سەھنىلەردە يەنە تەشۋىقات ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولغان.

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق دائىمىي ئۆمىكى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 3-فېۋرال كۈنى بىرلىكتە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا سىنلىق يىغىن ئېچىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خوشال-خورام ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ تەشۋىقات يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز ۋە ئۈرۈمچىدىكى بەيتۇلمەئىمۇر مەسچىتى (نوغاي مەسچىتى) نىڭ ئىمامى مۆھتىرەم شېرىپلەرنى سۆزلەتكەن.

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدە مۇنۇلار دېيىلگەن: «سىن يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بىر يۈرۈش قىسقا فىلىملار قويۇلدى. ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز ۋە مۆھتىرەم شېرىپلەر فىلىمغا بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تونۇشتۇردى. شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت ۋە تەربىيەلەش مەركىزىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشقۇن ئىدىيەلەردىن قۇتۇلۇش ۋە ئەمگەك ماھارىتىنى ئىگىلەش جەريانلىرىنى شۇنداقلا ئۆگىنىش ئارقىلىق ئېرىشكەن نورمال تۇرمۇشىغا ئائىت كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى. . .»

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سىن يىغىنىدا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىيازمۇ سۆز قىلىپ: «شىنجاڭدا ئۇدا تۆت يىلدىن بۇيان زوراۋانلىق تېرورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى،» دېگەن كونا مۇقامىنى تەكرارلىغان. خىتاينىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى چېن شۈ بولسا «بەزى دۆلەتلەر ۋە بەزى كۈچلەر شىنجاڭدىكى ياخشى ۋەزىيەتنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ ھەمدە پاكىتنى قەستەن بۇرمىلاپ، خىتاينى ھاقارەتلەيدۇ ۋە يالغان سۆزلەيدۇ،» دېگەن.

يۇقىرىقى بۇ تەشۋىقات يىغىنىغا لائوس، كۇبا، شىمالىي كورىيە، روسىيە، پاكىستان، ئىران، ئېرىترىيە قاتارلىق دىكتاتورلۇق بىلەن داڭقى چىققان ئاسىيا-ئافرىقادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئاڭلىغان.

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلئارا سەھنىلەردىكى ئەڭ ئاخىرقى قۇرۇق ئۇرۇنۇشلىرى، دەپ ھېسابلىماقتا. ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ باھالىغان، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتىكى دەلىل-پاكىتلار ئارقا-ئارقىدىن پاش بولۇۋاتقان بىر ئەھۋالدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆزىنى ئاقلاپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.