خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى تۋىتتېر ۋە فەيسبۇكنى قوللىنىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە زور تەشۋىقات ھەرىكىتى يۈرگۈزگەنلىكى ئاشكارىلانغان.
«ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ يۇقىرىدىكى ئىجتىمائىي سۇپىلارنى قوللىنىش نىسبىتى ئۆتكەن يىلى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن، ئۇلار بۇ سۇپىلارنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى، جازا لاگېرلىرىنى ۋە تەقىب سىياسەتلىرىنى پايدىلىق، دەپ تەسۋىرلىمەكچى بولغان.
خەۋەردىن قارىغاندا، يېقىندا ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى «ASPI» بۇ ھەقتە بىر تەتقىقات ئەپ بارغان. تەتقىقاتىغا قارىغاندا، خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرى ۋە دىپلوماتىك تۋىتتېر ھېسابات نومۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى تىۋىتتېر ئۇچۇرلىرىنىڭ نىڭ نىسبىتى 2020-يىلى ھەر ئايدا ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 500 گە يېقىن كۆپەيگەن.
تەتقىقاتچىلار يەنە «Facebook» تا، خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرى باشقۇرىدىغان ئاممىۋى بەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك يوللانمىلار ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان مەنبە ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى تىۋىتتېر ۋە فەيسبۇكنى قوللىنىپ تۇرۇپ، بىر ياقتىن خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلىيەتلەر ھەققىدىكى خەۋەرلىرىگە ھۇجۇم قىلسا يەنە بىر ياقتىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش مەركەزلىرى ئىكەنلىكى شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىدەك پەرقلىق ھېكايىنى ئالغا سۈرگەن.
ASPI نىڭ يېڭى دوكلاتىغا قارىغاندا، يۇقىرىقىدەك تەشۋىقاتلار ھازىر خەلقئارالىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرى ئارقىلىق يەنىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ «CGTN» گە ئوخشاش تەشۋىقات ئورۇنلىرىنىڭ تىۋىتتېر ۋە فەيسبۇكتىكى ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سانى سەل قارىغۇسىز دەرىجىدە كۆپ بولۇپ، CGTN نىڭ «Facebook» بېتىدىكى ئەگەشكۈچىلىرى 115 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.
دوكلاتنىڭ قوشۇمچە ئاپتورى جاكوب ۋاللىسنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى تەنقىدىي پىكىرلەرگە قارىتا باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ تارىختا يۈز بەرگەن ئەيىبلىرىنى ئېچىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇنازىرە پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت بىر ئىستراتېگىيە قوللانماقتىكەن.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن تەنقىد ۋە بېسىم كۈچەيگەنلىكتىن بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ تەنقىد قىلىشى ۋە شۇنداقلا 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرى كۈچەيگەندىن كېيىن خىتاي مۇشۇنداق ئامال ئارقىلىق خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان.
تىۋىتتېر ئاۋسترالىيە تەتقىقات ئورگىنىنىڭ بۇ دوكلاتىدىن كېيىن خىتاينىڭ بىر قانچە تەشۋىقات ھېسابلىرىنى تاقىغانلىقىنى جاكارلىغان. فەيسبۇك تورىمۇ بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.