خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدىكى ھېيتلىق زىياپىتى «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» پائالىيىتىگە ئايلانغان

4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بېيجىڭدا ھېيتلىق زىياپەت بېرىپ، خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلار ئارا سۆھبەت-ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» چىقارغان خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ زىياپەتكە 49 دۆلەتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىدىن 21 باش ئەلچى ۋە 50 نەچچە دىپلومات قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۇي، ھۆكۈمەت رەئىسى ئەركىن تۇنياز قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ» ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پائالىيەتنى بېيجىڭدا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتلىرىنى «شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن، كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن خەۋەردار قىلىش» بولۇپ، پائالىيەتتە ئالدى بىلەن خىتاينىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى ئىشلىگەن «ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ» ناملىق قىسقا فىلىم كۆرسىتىلگەن. ئارقىدىن ئەركىن تۇنياز ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەرگەن، ئاندىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چېن شياۋدۇڭ سۆزگە چىقىپ، «شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى تەرەققىياتنىڭ ياخشى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما بەزىلەرنىڭ بۇنى كۆرەلمەي، يالغان-ياۋىداقلارنى تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يالغاننى پاش قىلىش ۋە ئەمەلىيەتنى كۆرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ، گۈزەل شىنجاڭ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى» تەكىتلىگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا، خىتاي دائىرىلىرى 9-ئاپرېل كۈنى 21 دۆلەتتىن كەلگەن 26 تاراتقۇنىڭ مەسئۇللىرىنى ئۈرۈمچىگە توپلاپ، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى قۇرغۇچى دۆلەتلەر تاراتقۇ مەسئۇللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ئاچقان بولسا، 27-مارت كۈنى ما شىڭرۇي ئۈرۈمچىدە بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ «سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى تەكشۈرۈش ئۆمىكى» نى كۈتۈۋېلىپ، ئۇلارنى «تىنچ-ئىناق، ھاياتىي كۈچكە تولغان گۈزەل شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىش» كە رىغبەتلەندۈرگەنىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەرگە، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئەللىرىگە قاراتقان، ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ دىپلوماتىك تەشۋىقات پائالىيەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي زىيانكەشلىكىنى يالغانغا چىقىرىش ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى تېخىمۇ بىخۇدلاشتۇرۇش تاكتىكىسى دەپ قارالماقتا.