خىتاي ئۆزىگە ماھىل شەخسلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنى سۆزلىتىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقىنى يېپىشقا ئۇرۇنماقتا

خەلقئارادا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش چۇقانلىرىنىڭ قىسمەن تەسىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا قارشى بىر قاتار تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرى بىلەن «دوستلۇق» مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كەلگەن بىر قىسىم شەخسلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىناق ئائىلە مۇھىتىدا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بەكمۇ روناق تاپقان بىر ھالغا يەتكەنلىكى» ھەققىدىكى تەشۋىقات بايانلىرىنى بازارغا سالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كارنىيى بولغان «خەلق گېزىتى» 14-ماي كۈنىدىكى باش ماقالىسىدە، ھەر بىر ئىنساننىڭ كىشىلىك ھوقۇقى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ 70 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە باراۋەرلىكتىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولغانلىقى، بۇنىڭغا گۇۋاھ سۈپىتىدە ھەرقايسى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ خادىملىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى جايلاردا بۇ خىل «رېئاللىق» نى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى بايان قىلىنغان. خەلقئارا تېرورلۇققا ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەلى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭدىكى تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەش زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپتۇ» دېگەن. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي دۆلىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنى تەن ئالدۇرۇش ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار ئارقىلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەردە «تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» ئىدىيەلىرىنى تازىلىغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇغان. ئەمما مىليونلارچە ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇ خىلدىكى «تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» دېگەن بەدنام بىلەن لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى توغرىسىدا بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان.

فرانسىيەلىك مۇخبىر ماكسىم ۋېيۋاسى بولسا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيارىتى ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ «ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى» قاتارىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق، «مەن شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ باي بولغانلىقىنى كۆردۈرم. ئەمما بۇ جايدا ھېچقانداق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۆرمىدىم» دېگەن. كېنىيە، برازىلىيە، ئىسرائىليە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن بىر تۈركۈم «مۇتەخەسسسلەر» مۇ «شىنجاڭ ھەققىدىكى گۇمانلىرىمىز ئۇ جايغا بارغاندىن كېيىن پۈتۈنلەي تۈگىدى. ئۇ جايدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتىۋېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ» دېگەن مەزمۇندا سۆز قىلغان. ئەمما ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى، مەدەنىيىتى، مىللىي كىملىكى قاتارلىقلاردىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولغانلىقىنى «كۆرمىگەن.» ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىنى پىيادە كېزىپ چىققان گېرمانىيەلىك سەيياھ كرىستوف رېھاگ ( Christoph Rehage ) ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتى توغرىسىدا سۆز قىلغاندا: «خىتاي كومپارتىيەسى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمىغان ئىشلارنى چەت ئەللىكلەر ئەمەس، ھەتتا يەرلىك كىشىلەرمۇ كۆرەلمەيدۇ،» دېيىش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئىس-تۈتىكى چىقمىغان ھالدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سېتىۋالغان ياكى ياللىۋالغان مۇشۇ خىلدىكى چەت ئەللىك «مۇتەخەسسىسلەر» يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپلىگەن بايانات ۋە ۋىدىيو ھۆججەتلىرىنى تەييارلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ماختاش بىلەن مەشغۇل بولماقتا ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نامىغا قارا سۇۋاشتا بۇنىڭ سەلبىي تەسىرىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە رول ئوينىماقتا ئىكەن.