دۇنيا ئاخبارات ساھەسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ساختا زىيارىتى» ۋە يېڭىدىن ئاشكارا بولغان لاگېرلار ھەققىدىكى ساقچى ھۆججەتلىرىنى كۆپلەپ خەۋەر قىلىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا قارشى بىر قاتار تەشۋىقاتلارنى باشلىماقتىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 29-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى دائىرىلەر 2016-يىلىدىكى «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» تە ئوق تېگىپ ئۆلگەن ساقچىلاردىن غەيرەت مامۇتنى قايتىدىن تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىمەكچى بولغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا 47 ياشقا كىرگەن غەيرەت مامۇت شۇ ۋاقىتتىكى گۇما ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورچى» دەپ ئاتىغان كىشىلەرنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى گۇما ناھىيەسىدە ئۇنىڭغا ئاتاپ خاتىرە ئۆي قۇرغان ھەمدە ناھىيەدىكى گۆدەك ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە چاقىرغان. شۇنداقلا غەيرەت مامۇتنىڭ قىزىنى ئالاھىدە تەرىپلەپ ئۇنىڭ دادىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ خىتاي ساقچىسى بولغانلىقىنى «مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتقا تۆھپە قوشۇش» دېگەن.
خەۋەردە ئۆتكەن 26 يىل ئىچىدە نەچچە يۈز ساقچىنىڭ ئەنە شۇ خىل يوسۇندا ئۆلگەنلىكىنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» قا قارشى تۇرۇشىنىڭ زۆرۈر ۋە يوللۇق ئىكەنلىكىنى پەش قىلغان. شۇنىڭدەك «ئۆتكەن بەش يىلدا قايتا تەربىيەلەش ئارقىلىق بۇ خىلدىكى تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق قىلمىشلىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى نۆلگە چۈشتى. ئەمما غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر يەنىلا بىزگە تۆھمەت چاپلاۋاتىدۇ» دېگەن. شۇنداقلا ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا بارلىق ھەقلەرنىڭ قانۇن بويىچە تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ھالبۇكى تېخى يېقىندا پاش بولغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدىكى لاگېر ھۆججەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتىۋاتقان «تېررورلۇق بۇيۇملىرى» نىڭ جەيناماز، تەسۋى، «قۇرئان» دېگەنلەر ئىكەنلىكىنى، «تەربىيەلەش مەركىزى» دېگەن ئورۇنلارنىڭ ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان تۈرمىلەردىنمۇ قاباھەتلىك مۇئەسسەسەلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەنىدى.