خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى شىركەتلىرىنىڭ رايوندىكى قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يوشۇرۇشتا يەنە «ساختا ئويۇنلار» نى ئويناپ چىقىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ماگنۇس فېسكەسيۇنىڭ 8-ئىيۇن «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە بېيجىڭىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە دۆلەت ئىچىگە قارىتە بەزى سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلسا، دۆلەت سىرتىغا قارىتا ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئۈنچىلا ئاسان قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، سۆزىنىڭ تونىنى ئۆزگەرتكەن. ماگنۇس فېسكەسيۇ «خىتاي شىركەتلىرىنىڭ شىنجاڭدا غايىب بولۇش ھەرىكەتلىرى» ناملىق ماقالىسىدە، «بۇ بېيجىڭنىڭ شىنجاڭ لاگېرلىرى مەسىلىسىدىكى ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ماگبنۇس فېسكەسيۇ، خىتاينىڭ ئىلگىرى ساختا لاگېرلارنى قۇرۇپ، تاراتقۇلارنى ئالدىغانلىقى، نۆۋەتتە ئۇنىڭ بۇ خىل ساختا ئويۇنلىرىنى ئۇيغۇر رايونىنى مەركەز قىلغان ھالدا يەنە قايتا بازارغا سېلىپ، سەنئەتچىلەر ۋە باشقىلارنى ئۇنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى مەدھىيەلەشكە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاي شىركەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن ھەقسىز ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئالدىراۋاتقان ۋە مىللەتچىلىك ئەقىدىسىنى كۈچەيتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى چەتئەللىك شېرىكلىرىدىن، بولۇپمۇ چەتئەل تاراتقۇلىرىدىن يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ماگنۇس فېسكەسىيۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ شاڭخەي پۇتەيلەي ئاپتوموبىل باتارېيەسى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى يېقىندا شۋېتسىيەگە مەبلەغ سېلىشنى ئېلان قىلغان، ئەمما بۇ شىركەت ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىڭتۇەن 7-دېۋىزيەسىنىڭ خۇ ياڭخې شەھىرىدە «شىنجاڭ زىچېن تەڭرىتاغ يېڭى ماتېرىياللار تېخنولوگىيە چەكلىك شىركىتى» ناملىق كارخانىسى بارلىقىنى شىۋېتسىيەلىك شېرىكلىرىدىن يوشۇرغان. ماگبنۇس فېسكەسيۇ ماقالىسىدە، ھازىر شىۋېتسىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ بەك چەكلىك ۋە بەك كېچىككەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.