يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي-ياۋرو ئاسىيا يەرمەنكىسى» كۈنلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى چاقىرىپ كەلگەن چەت ئەل مۇخبىرلىرى ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازارنى ساياھەت قىلىپ، بۇنىڭدىن ئالغان «ئاجايىپ تەسىراتلىرى» نى بايان قىلىشقان.
30-ئىيۇل كۈنى «تېھران ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىر مۇخبىرى ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازار ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلغان. خەۋەردە بۇ بازارنىڭ 2002-يىلى قۇرۇلۇپ، 2003-يىل ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەنلىكى، بازاردا ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىگە خاس بۇيۇملارنىڭ كۆپلۈكى ۋە بۇ يەردە 100 خىلدىن ئارتۇق نان كۆرگەزمە قىلىنىدىغان «نان مۇزېيى» نىڭ بارلىقى دېگەندەك تەپسىلاتلارنى بايان قىلغان.
بۇ خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئاممىۋى دىپلوماتىيە جەمئىيىتى(CPDA) قارمىقىدىكى خەلقئارا تاراتقۇ ئالاقە مەركىزى (CIPCC) «شىنجاڭغا ساياھەت» پىروگراممىسى يولغا قويغان بولۇپ، مۇخبىرلارنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشى ۋە خىتايدىكى تەرەققىياتنى كۆرۈشىگە يول ئېچىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇخبىرلار، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلىرى تەكلىپ قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2024-يىل 2-ئايدىن باشلاپ، 90 نەچچە دۆلەتتىن 100 مۇخبىرنى بۇ پىروگراممىغا قاتناشتۇرغان.
خەۋەردە كۆرۈلگىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى 2024-يىلدا «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى ئېيتىش» تەشۋىقاتىنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن بولۇپ، خىتايغا «دوستانە» دۆلەتلەر، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، جۈملىدىن ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن تەكلىپ قىلىپ كەلگەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» نى قىلىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن ھەمدە بارلىق تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى دۇنياغا تارقاتقان. بۇ ھەقتە رادىيومىزدا پىكىر بايان قىلغان مۇتەخەسسىسلەر «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.