خىتاي ھۆكۈمىتى تۆت يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا «تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىگەنلىكى» نى داۋراڭ سالدى

2021-07-05
Share

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 5-ئىيۇل بېيجىڭدا 12-قېتىملىق «شىنجاڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئېچىپ، خەلقئارادىن كېلىۋاتقان كۈچلۈك ئەيىبلەشلەرنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان ھەمدە «شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ دەسلەپكى غەلىبىسى قولغا كەلتۈرۈلدى، شىنجاڭدا 4 يىلدىن بېرى تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرمىدى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكى كاپالەتكە ئىگە بولدى» دېگەن بىمەنە سەپسەتىسىنى بازارغا سالغان.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 4 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا ناتىسستلارغا ئوخشاش دۆلەت تېررورىزىمى يۈرگۈزۈپ، مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى سولاپ قىينىغان، ئامان قالغانلىرىنى تەقىب ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، قورقۇنچ-ۋەھىمە ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇرلىغان ئەھۋالدا، قانداقمۇ ئۇلار دەۋاتقان ئاتالمىش «تېررورلۇق» ۋەقەلىرى يۈز بەرسۇن؟ خىتاينىڭ 20 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق» بىلەن قارىلاپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى دۇنياغا سىر ئەمەس. خىتاينىڭ بۇنىڭدىن باشقا تۇتامىغا چىققۇدەك باھانىسى يوق. ئۇيغۇر رايونىدا 4 يىلدىن بېرى زوراۋانلىق يۈز بەردى، بۇنى «ساقچى دۆلىتى» دەپ ئاتالغان خىتاي ھۆكۈمىتى قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئاپپاراتىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر رايونىغىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەممە جايىغا تەھدىت سالدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت