چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرلىگەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقەنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى ئاقلىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق ھۆكۈمەت 5-ئىيۇل بېيجڭدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ «دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسى» ئىكەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى باستۇرۇپ، پۇقرالارنى قوغدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا سايىتجان ساۋۇر، جاۋ ئەيچىن ئىسىملىك ئاتالمىش شاھىتلار سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىنىڭ «قاتتىق جازالىنىشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇلار 7-ئىيۇل كالتەك-توقماق كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان خىتاي ئاشقۇنلىرىنىڭ قىلمىشىنى تىلغا ئالمىغان. 5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلار نۇرغۇن دۆلەتلەردە نامايىش قىلىپ، بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرلىگەن. نامايىشچىلار بۇ ۋەقەدە مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى، ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن، غايىب بولغان، تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
لېكىن ئاخبارات يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باياناتچىسى ئېلىجان ئىنايەت، «شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ»، ب د ت نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن «تېرورلۇق» ۋە «ئاشقۇنلۇق» قا قاتتىق زەربە بەرگەنلىكى، «پۇقرالارنىڭ تۈپ ھوقۇقىنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەدە كۆپ قىسمى خىتايلار بولۇپ 197 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى قەيت قىلسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن، تۈمىگە تاشلانغان ۋە غايىپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.