ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېننىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر لاگېر شاھىت ۋە ئائىلە ئەزالىرى تۇتقۇندىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى تەنقىدلەپ، بلىنكېننى «شىنجاڭلىق ساختا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار» بىلەن كۆرۈشۈش بىلەن ئەيىبلىگەن. بلىنكېن ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن تۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرى تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى ئېلىجان ئىنايەت 15-ئىيۇل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا بلىنكېن كۆرۈشكەن شاھىتلارنىڭ ئىچىدە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان جىنايەتچى قاچقۇنلار بولۇپلا قالماي، «ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئالدامچىلار» نىڭ بارلىقى، «ئۇلارنىڭ يالغان گۇۋاھنامە ياساپ، ساختا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەنلەرنىڭ ئىچىدە بولمىسىمۇ، بىراق ئېلىجان ئىنايەت ئۇنى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەنلەرنىڭ ئىچىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان «جىنايەتچى قاچقۇن» دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقى، ئۇلارنى لاگېرلارغا قاماپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىنى رەت قىلسىمۇ، بىراق ئۇ خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى رەت قىلىپ، لاگېر شاھىتلىرىغا شەخسىي ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان «ئەلېي ۋېسسېل ئىرقىي قىرغىنچىلىق دوكلاتى» دا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا داۋاملىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.