خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۇچادىكى «مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش» تەشۋىقاتى گۇمان قوزغىماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 28-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كۇچا ناھىيىسىنىڭ چىمەن بازىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەتىل مەزگىلىدە «ئون ئىككى مۇقام» ۋە «كۇچا خەلق ناخشىلىرى» نى ئۆگىنىش ئارقىلىق «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت بايلىقلىرى» دىن «ھوزۇرلانغان». خەۋەردە بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزىۋاتقان بىر تۈرلۈك غەمخورلۇقى قاتارىدا بايان قىلىنغان.

ھالبۇكى پۈتكۈل خەۋەردە مەيلى مۇقاملار بولسۇن ياكى خەلق ناخشىلىرى بولسۇن بۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇلارنىڭ نامىغا «ئۇيغۇر» سۆزىمۇ ئىشلىتىلمىگەن. بۇ ھال تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت ئوچاقلىرىنىڭ بىرى بولغان كۇسەن رايونىنىڭ بۇددىزىم دەۋرىدىكى «كۇسەن ئۇسسۇلى»، «كۇسەن نەغمىسى» قاتارلىق بىر قاتار مەدەنىيەت دۇردانىلىرىنىڭ تاڭ ئىمپېرىيىسى(618-907) گە تارقالغاندىن كېيىن ئەسىرلەر ئۆتۈپ خىتايغا «مەنسۇپ» مەدەنىيەت بايلىقى بولۇپ كەتكەنلىكىدەك تارىخىي ھادىسىنى ئەسلەتمەكتە ئىكەن.

تۈرلۈك ئۇچۇر يوللىرىدىن مەلۇم بولغان خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقتا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى باش نىشانلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە كىچىكىدىن خىتايچە تىل، خىتايچە مەدەنىيەتنى سىڭدۈرۈشنى «تەرەققىيات» دەپ شەرھىلەپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ۋە ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى خىتايچە ئورۇنلاشنى سىناق قىلغىلى خېلى بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ بىر يېزىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە يازلىق تەتىلدە مۇقام ئاڭلىتىشنى ئۇيغۇرلاردىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەتنى «قوغداش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ھەركىتى» قىلىپ تەسۋىرلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى چۇقانلارغا قارشى روياپقا چىقارغان بىر تۈرلۈك ئىنكاسى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2021-يىلى ئېلان قىلغان «نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش، يىلتىزىنى قىرقىپ تاشلاش» سەرلەۋھىلىك دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئالاھىدە يەر ئالغان بولۇپ بۇنىڭ ماھىيەتتە «ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشتىكى چارىلەر» ئىكەنلىكى تەپسىلى مىساللار بىلەن شەرھىلەنگەنىدى.