ئامېرىكىدا ئۆتكەن ھەپتە «دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش» يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى پۈتكۈل خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «چەتئەل تاراتقۇلىرى» نامىدا ئۆمەك تەشكىللەپ ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلدۇرغان.
شىنخۋا تورىنىڭ 29-ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاتالمىش 18 دۆلەتنىڭ 23 نەپەر تاراتقۇ تەھرىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى، سانجى ۋە ئىلى ئوبلاستلىرىنى زىيارەت قىلغان ئىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۆمەك تەركىبىدىكى تاراتقۇ تەھرىرلىرى ئاساسەن دېگۈدەك خەلقئارا سەھنىلەردە، بولۇپمۇ ب د ت دا خىتايغا تەرەپ تۇتۇپ گۇپپاڭچىلىق قىلىدىغان پاكىستان، ئىران، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغانلار ئىكەن.
خەۋەردە سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «سابق تور گېزىتى» نىڭ ئالىي تەھرىرى مۇساللام ئەل-دەۋسارىنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ، ئۇنىڭ «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تەرەققىيات مەنزىرىسىدىن ھەيران قالغانلىقى، بۇندىن كېيىن ئۆز گېزىتىدە شىنجاڭ ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ خەۋەر بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى» تىلغا ئېلىنغان.
مەزكۇر خەۋەردە يەنە قىرغىزىستاندىكى «ئاكى پرېس خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ باش تەھرىرى ئاسلان سىدىقوف ۋە مىسىر دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ مەسئۇل دىرېكتورلىرىدىن ئەھمەد ئەل-سەيىد مەدكور قاتارلىقلارنىڭ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئاتالمىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى زامانىۋى يوللار ۋە ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرى مەدھىيەلەنگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئاخبارات ئويۇنى ئويناۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ رايوندىكى باستۇرۇشلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى ھەمدە بىر قىسىم خىتايپەرەست ھۆكۈمەتلەرنىڭ تاراتقۇ ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.